|
دوختۇرخانىمىز
تىببى خادىملىرى
(تەجىربىلىك
دوختۇرلارقىسمى)

دولقۇنجان زۇنۇن
دوختۇرخانا باشلىقى
قەشقەر تىببى تېخنىكوم
لابوراتورىيە كەسپىدە ئوقۇغان.
شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتى
خەنزۇتىلى تەرجىمانلىقىدا ئوقۇغان.
شىنجاڭ تىببى
ئۈنۋىرسىتىتىدا سەھىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. يىقىنقى
يىللاردىن بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلى تەجرىبىلىرى بىلەن
بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا بىر نەچچە پارچە ئىلمى ماقالە يىزىپ
ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا
ئالماشتۇرۇلغان.
ئۈنۋانى: مەسئۇل
لابورانت تېخنىك، ئاسپرانت.
ئۆلچەملىك كەسپ بىلەن
شۇغۇللىنىش تېخنىك خادىم سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىكى:
1) ھازىرقى زامان
لابوراتورىيەلىك ئىلمى بويىچە ئىلغار بىئوخىمىيەلىك تەكشۈرۈش، ئانالىز
قىلىش، تېخنىكا مەشغۇلات ئىشلەش ئەمىلىي بىلىمىگە ئىگە تەجىربىلىك
كۆزگە كۆرۈنگەن تېخنىك خادىم.
2) ئىلمى سەھىيە
ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئىقتىساد ئۇچۇر باشقۇرۇش پەن تېخنىكا بىلىملىرى
مول تەجىربىلىك ياش باشقۇرغۇچى خادىم.

ۋاڭ لى
دوختۇرخانا پارتىيە ياچايكا شۈجىسى، مۇئاۋىن
دوختۇرخانا باشلىقى.
قەشقەر تىببى تېخنىكوم،
شىنجاڭ تىببى ئىنىستوتىدا ئالى سىستىرالىق كەسپىدە ئوقۇغان.
ئۈنۋانى: مەسئۇل
سىستىرالىق ئۈنۋانىغا ئىگە. سىستىرالىق كەسپى سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىكى:
(1) ئۇزۇن يىللىق كۈتۈش
پەرۋىش خىزمەتلىرىدە ئەمىلى مول تەجىربىگە ئىگە.
(2) ئۇزۇن يىللىق كۈتۈش
پەرۋىش خىزمەتلىرىنى ئىلمى باشقۇرۇش سەۋىيسىگە ئىگە.
(3) ئۇزۇن يىللىق
دوختۇرخانا باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە پىشىپ يىتىلگەن باشقۇرغۇچى خادىم.

ئالىمجان كىرىمىللا
مۇئاۋىن
دوختۇرخانا باشلىقى
قەشقەر تىببى تېخنىكومى
داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان.
شىنجاڭ تىببى
ئۈنۋىرسىتىتىدا داۋالاش كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.
شىنجاڭ تىببى
ئۈنۋىرسىتىتىدا سەھىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. يىقىنقى
يىللاردىن بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلى تەجرىبىلىرى بىلەن
بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا بەش پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە يىزىپ
ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا
ئالماشتۇرۇلغان.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ،
ئاسپىرانت بولۇپ كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىكى:
(1) ئىچكى كىسەللىكلەر،
تاشقى كىسەللىكلەر، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرۈپ ئىشەنچىلىك
دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن
يىللىق مەخسۇس تاشقى كىسەللىك قوساق بوشلۇق ئوپراتسىيەلىرىنى
ئىشەنچىلىك ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاپ زور نەتىجە ياراتقان.
(2) بەل بويۇن ئۇمرۇتقا
كۆمۈرچەك ئۆسۈپ قىلىش كىسەللىكلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك
دوختۇرخانىلاردا بىلىم ئاشۇرۇپ ئەمىلىي كىسەل داۋالاپ نەتىجىسى كۆزگە
كۆرىنەرلىك بولغان.
(3) ئىلمى دوختۇرخانا
باشقۇرۇش، ئىقتىساد ئۇچۇر باشقۇرۇش خىزمەتلىرىدە مول تەجىربىگە ئىگە
ياش باشقۇرغۇچى.

ئىسلام روزى
كەسپى بۆلۈم مۇدىرى،
پارتىيە ئەزاسى
ئومومىي ئىجتىمائىي كەسپى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش
كەسپىدە ئوقۇغان. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا
داۋالاش دورىگەرلىك كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. يۇقىرى دەرىجىلىك
دوختۇرخانىلاردا، تاشقى كىسەللىك ئوپراتسىيە كەسپى بويىچە بىلىم
ئاشۇرغان. ئىلىخان ھەزرىتىم، غوجا باھاۋۇدۇن ھاجىم، ئەمەت ھاجىم
قاتارلىق داڭلىق تېۋىپ ئۇستازلاردىن تەلىم ئالغان. يىقىنقى يىللاردىن
بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلى تەجرىبىلىرى بىلەن
بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا بەش پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە يىزىپ
ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا
ئالماشتۇرۇلغان.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى:
(1) تىرىشىپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئۆز كەسپى بىلىم سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈپ
ئۇيغۇر تىبابەت ۋە غەرب تىبابەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈنۋىرسالنى ئىچكى
كىسەللىكلەر تاشقى كىسەللىكلەر يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر، بالىلار
كىسەللىكلىرى بويىچە ئىشەنچىلىك دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا
ئىگە ئەمىلى مول تەجىربىلىك پىشقەدەم ۋاراچ.
(2) يىقىندىن بىرى ئۆزلىكىدىن بۆرەك ۋە سۈيدۈك سىستىمىسىدىكى تاشنى
ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىلىمى پىرىنسىپلىرى،
داۋالاش باسقۇچلىرى، تاشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىگە قاراپ پارچىلاش،
ئىرىتىش، ھەيدەپ چىقىرىش، ئاخىرقى پەرۋىش قاتارلىق تەتقىقاتنى ئىلىپ
بىرىپ مول تەجىربىگە ئىگە بولدى.
(3) ئۇزۇن يىللىق ئۈنۋىرسال كەسپ باشقۇرۇش تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن
شۇغۇللىنىپ يىڭىلىق يارىتىش ئىجادچانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە پىشقەدەم
باشقۇرغۇچى.

سىدىق رەمەت
ئامبولاتورىيە بۆلۈم
مۇدىرى، پارتىيە ئەزاسى
قەشقەر تىببى تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومىدا ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش
كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئابلىمىت يۇسوپ ھاجىم، ئەھمەد ھاجىم، ئىلىخان
ھەزرىتىم، ئابلىمىت ئاخۇنۇم، ئابدۇقادىر ھاجىم، تۇرسۇن توختى ھاجىم،
غوجا باھاۋۇدۇن ھاجىم، مەمتىلى ئاخۇن خەلپىتىم ، سايىت ئاخۇن خەلپىتىم
، قۇرباننىياز داموللام ، نۇرئەخمەتخان مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق داڭلىق
تېۋىپ ئۇستازلاردىن ئۇيغۇر تىبابەت نەزىرىيەسى ئەمىلىي داۋالاش ۋە
دورىگەرلىك بويىچە تەلىم ئالغان.يىقىنقى يىللاردىن بىرى كەسىپتە
قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئۇستازلاردىن ئۈگەنگەن كەسپى بىلىملىرىنى 20
نەچچە يىللىق ئەمەلى كىلىنىكىلىق تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ
يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ساھەسىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان
بىر پارچە كەسپى كىتاپ ۋە ئون نەچچە پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە
يىزىپ تۈرلۈك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئالماشتۇردى ، نوپۇزلۇق ئىلمى
ژورناللاردا ئىلان قىلدى.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: (1) ئۇزۇن يىللىق ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىك،
تاشقى كىسەللىكلەر، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرۈپ دىئاگنوز
قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە پىشقەدەم ۋاراچ.
(2) غەرب تىبابەت بويىچە جىددى كىسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش
HPئاپراتى بىلەن بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى چۈشۈرۈپ داۋالاش
تېخنىكىسىنى ئىگەللەپ نۇرغۇنلىغان بىمارلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئىرىشىپ
كەلگەن.
(3) داۋالاش ئىلمى تەتقىقات، قەدىمقى ئەسەرلەرنى رەتلەپ يىزىش بويىچە
قەلەم ساۋادى كۈچلۈك ياش تىۋىپ.
ئابدۇۋاھىت نۇرئەخمەت
كەسپى بۆلۈم مۇئاۋىن مۇدىرى، دورا ياساش بۆلۈم مۇدىرى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكوم داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان. يۇقىرى
دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا بىر قانچە قىتىم بىلىم ئاشۇرغان. ئابلىمىت
يۈسۈپ ھاجىم، ئىلىخان ھەزرىتىم، ئابلىمىت ئاخۇنۇم، مەمتىلى ئاخۇن
خەلپىتىم، سايىت ئاخۇن خەلپىتىم، قۇرباننىياز داموللام، نۇرئەخمەتخان
مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق داڭلىق تېۋىپ ئۇستازلاردىن ئۇيغۇر تىبابەت
نەزىرىيەسى ئەمىلىي داۋالاش ۋە دورىگەرلىك بويىچە تەلىم ئالغان.
يىقىنقى يىللاردىن بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئۇستازلاردىن
ئۈگەنگەن كەسپى بىلىملىرىنى 20 نەچچە يىللىق ئەمەلى كىلىنىكىلىق
تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا ئون نەچچە پارچىدىن
ئارتۇق ئىلمى ماقالە يىزىپ تۈرلۈك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا
ئالماشتۇردى، نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلدى.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىكى: (1) ئۇزۇن يىللىق ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىك،
يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرۈپ ئىشەنچىلىك دىئاگنوز قويۇپ
داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
(2) ئۇيغۇر تىبابەت يۇقۇملۇق كىسەللىكلىرىدىن ھەرخىل جىگەر
كىسەللىكىلىرىنى داۋالاشتا ئالاھىدە تەجىرىبىگە ئىگە تىۋىپ.
(3) يىقىنقى يىللاردىن بىرى بۆرەك، سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاشنى ئۇيغۇر
تىبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالاپ ساقايتىش ئىلمى تەتقىقاتى بىلەن
شۇغۇللىنىپ زور نەتىجە قازاندى.
(4) ئۇيغۇر تىبابەت كىلىنكا دورا تەتقىقاتىنى ئۇزۇن يىللارادىن بىرى
ئىشلەپ يىڭى رىتسىپ دورىنىڭ كىلىنكىدىكى تەجىربىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ
دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش دورا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن
تەجىربىلىك تۆھپىكار پىشقەدەم تىۋىپ.

تۇخان ئابدۇارازاق
ئىچكى كسىەللىك 1-بۆلۈم
مۇدىرى، كەسپى بۆلۈم مۇئاۋىن مۇدىرى
شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرسىتىتىدا داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىىلىگى: غەرب تىبابەت ئۈنۋىرسال ئىچكى كىسەللىكلەر، تاشقى
كىسەللىكلەر، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر، ئاياللار ۋە بالىلار كىسەللىكلىرى
بويىچە تەكشۈرۈپ ئىشەنچىلىك دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە
كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ۋاراچ.

تاجىگۇل
مەمتىمىن
ئاياللار كىسەللىكلىرى
بۆلۈم مۇدىرى، پارتىيە ئەزاسى.
قەشقەر تىببى تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىدا بىلىم ئاشۇرغان.
ئابدۇقادىر ھاجىم، ئىبراھىم قارىم، مەمتىلى ئاخۇن خەلپىتىم، سايىت
ئاخۇن خەلپىتىم، قۇرباننىياز قارىم، نۇرئەخمەتخان مەخسۇم ھاجىملاردىن
تەلىم ئالغان. يىقىنقى يىللاردىن بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ،
ئەمەلى تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا بەش پارچىدىن
ئارتۇق ئىلمى ماقالە يىزىپ تۈرلۈك ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلدى.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ بولۇپ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: (1) ئۇزۇن يىللاردىن بىرى مەخسۇس ئۇيغۇر تىبابەت
ئاياللار كىسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈپ ئىشەنچىلىك دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش
ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن ھەرخىل ئىچكى كىسەللىكلەر، تاشقى
كىسەللىكلەر، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىپ كەڭ بىمارلارنىڭ
زور ھىمايىسىگە ئىرىشىپ كەلدى.
(2) تىرىشىپ ئۈگىنىپ پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپىنى پىششىق
ئىگەللەپ بىخەتەر ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا نۇرغۇنلىغان ھامىلدار
كىسەللىكلەرنى بىخەتەر داۋالىغان كۆزگە كۆرۈنگەن پىشقەدەم ۋاراچ.

يالقۇنجان مەخمۇت
ئىچكى 2-بۆلۈم مۇدىرى،
پارتىيە ئەزاسى
قەشقەر تىببى مەكتەپ ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش ئالىي تېخنىكوم كەسپىدە
ئوقۇغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددى
قۇتقۇزۇش مەركىزى ئىچكى بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئابدۇقادىر ھاجىم،
مەمتىلى ئاخۇن خەلپىتىم، سايىت ئاخۇن، قۇرباننىياز قارىم، نۇرئەخمەتخان
مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق داڭلىق تېۋىپ ئۇستازلاردىن ئۇيغۇر تىبابەت
نەزىرىيەسى ئەمىلىي داۋالاش ۋە دورىگەرلىك بويىچە تەلىم ئالغان.
يىقىنقى يىللاردىن بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلى
تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا بەش پارچىدىن ئارتۇق
ئىلمى ماقالە يىزىپ تۈرلۈك ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلدى.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: يۈرەك، مىڭە قان تومۇر كىسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش
سىستىما كىسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ياخشى تەجىربىسى بار. يىقىندىن بۇيان
قان مايلىرى قالايمىقانلىشىش كىسىلى ۋە يۇقىرى قان بىسىم كىسەللىكىنى
نوقتىلىق تۈرگە كىرگۈزۈپ داۋالاش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى
نەتىجىگە ئىرىشتى.

مىنەۋەر مەمەت
ئاياللار كىسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى.
قەشقەر تىببى تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت كەسپىدە ئوقۇغان. شىنجاڭ
ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومىدا بىلىم ئاشۇرغان. خوتەن ۋىلايەتلىك
ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانا ئاياللار بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرغان. يىقىنقى
يىللاردىن بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلى تەجرىبىلىرى بىلەن
بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا ئۈچ پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە يىزىپ
تۈرلۈك ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلدى.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ بولۇپ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: (1) ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىكلىرى، تاشقى
كىسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر، ئاياللار كىسەللىكلىرى، تىرە
كىسەللىكلىرى بويىچە تەكشۈرۈپ ئىشەنچىلىك دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش
ئىقتىدارىغا ئىگە.
(2) يىقىنقى يىللاردىن بىرى نوقتىلىق ئاياللار بالىياتقۇ بوينى
شەلۋەرەش كىسىلىنى داۋالاش تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىپ ئەمىلىي مول
تەجىربىلەرنى ئىگەللەپ زور نەتىجە قازاندى.
(3) ئۇيغۇر تىبابەت نەزىرىيە ئاساسى ۋە ئەمىلىي تەجىربىسى كۈچلۈك
بولغان بىمالارنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن كۆزگە كۆرۈنگەن پىشقەدەم ۋاراچ.
نۇرىمانگۇل ئىلى
ئىچكى كىسەللىك 3-بۆلۈم دوختۇرى.
خوتەن تىببى تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ داۋالاش كەسپىدە ئۆرلەپ
ئوقۇغان. ئاپتونوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى تىرە كىسەللىك
كەسپلىرىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئابلىمىت يۈسۈپ ھاجىم، ئىلىخان ھەزرىتىم،
ئابلىمىت ئاخۇنۇم، تۇرسۇن توختى ھاجىم، نۇرئەخمەتخان مەخسۇم ھاجىم
قاتارلىق ئۇستازلاردىن تەلىم ئالغان. يىقىنقى يىللاردىن بىرى كەسىپتە
قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلى تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش
ئاساسىدا بەش پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە يىزىپ ئىلمىي ژورناللاردا
ئىلان قىلىنغان ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئالماشتۇرۇلغان.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ بولۇپ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: (1) ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىكلىرى، ئاياللار
كىسەللىكلىرى، تىرە كىسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە
تەكشۈرۈپ ئىشەنچىلىك دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
(2) ئۇيغۇر تىبابەت ئىلىمى بويىچە مەخسۇس ئاق كىسەلنى داۋالاشنى ئاساس
قىلغان باشقا تىرە كىسەللىكلىرىنى نوقتىلىق داۋالاش جەھەتتە زور
نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن ياش تىۋىپ.
ئادىل ئابلا
ئامبولاتورىيە ئىچكى كىسەللىك 2-بۆلۈم دوختۇرى
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان.
ئاپتونوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا ئىچكى كىسەللىك
داۋالاش كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىدا جىددىي
قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئىمراجى ئەخمەت ھاجىم، ھەبىبۇللا
ھاجىم قاتارلىق داڭلىق ئۇستازلاردىن تەلىم ئالغان.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ بولۇپ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھدىلىگى: ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىك، تاشقى كىسەللىك،
ئاياللار كىسەللىكلىرى، تىرە كىسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر
بويىچە تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە ياش تىۋىپ.
(2) ئۇيغۇر تىبابەت ساھەسىدە نەزىرىيە ۋە ئەمىلىي بىلىم جەھەتتە
ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ كەلگەن ۋاراچ.

مەمەت تاش
ئىچكى كىسەللىك 2-بالنىست دوختۇرى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان.
ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىدا تىز قۇتقۇزۇش كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.
ئىمراجى ئەخمەت ھاجىم، ھەبىبۇللا ھاجىم قاتارلىق داڭلىق ئۇستازلاردىن
تەلىم ئالغان. يىقىنقى يىللاردىن بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ،
ئەمەلى تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا ئۈچ پارچىدىن
ئارتۇق ئىلمى ماقالە يىزىپ تۈرلۈك ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلدى.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ بولۇپ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: (1) ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىك، تاشقى
كىسەللىك، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ
داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
(2) يىقىندىن بىرى بۆرەك سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاشنى نوقتىلىق داۋالاش
تۈرىگە قاتنىشىپ مول تەجىربىگە ئىگە بولدى.
ئابدۇراخمان ئۆمەر
رىنتىگىن بۆلۈم دوختۇرى
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكوم داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان. شىنجاڭ
تىببى ئۈنۋىرسىتىتىدا رىنتىگىن كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. يىقىنقى
يىللاردىن بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلى تەجرىبىلىرى بىلەن
بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا ئۈچ پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە يىزىپ
تۈرلۈك ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلدى.
ئۈنۋانى: مەسئۇل ۋاراچ بولۇپ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: (1) ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىكلىرى، تاشقى
كىسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ
داۋالاش سەۋىيسىگە ئىگە.
(2) رىنتىگىنلىك تەكشۈرۈش مەشغۇلاتىدا ئۆلچەملىك، ئىشەنچىلىك دىئاگنوز
قويۇش سەۋىيسى يۇقىرى بولۇپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي بىلىم ئىقتىدارى
يۇقىرى تېخنىك خادىم.

مەمەتجان بەختى
تاشقى كىسەللىك بۆلۈم
بالنىست مۇدىرى، پارتىيە ئەزاسى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان،
شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرستىتىدا غەرب تىبابەت داۋالاش كەسپىدە ئۆرلەپ
ئوقۇغان.
ئۈنۋانى: ۋاراچ بولۇپ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە تەجىربىلىك ۋاراچ.
كەسپى ئالاھىدىلىكى: (1) ئۇيغۇر تىبابەت، غەرب تىبابەت بىرلەشتۈرۈلگەن
ئىچكى كىسەللىكلەر، تاشقى كىسەللىكلەر، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە
ئىشەنچىلىك دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
(2) غەرب تىبابەت سۆڭەك تاشقى كىسەللىكلەر ۋە قوساق تاشقى كىسەللىكلەر
ئوپراتسىيە مەشغۇلات ئەمىلىي تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە يۇقىرى
دەرىجىلىك ئورۇنلارغا بىرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن بولۇپ ھازىر
ھەرتۈرلۈك سۆڭەك زەخمىلىرىنى تاشقى ۋە ئىچكى تەرەپتىن ئوپراتسىيەلىك
مۇقىمداپ داۋالاش، تۆۋەنكى قوساق ئوپراتسىيەلىرىنى بىخەتەر
مۇۋەپەقىيەتلىك ئىشلەپ كۆزگە كۆرۈنگەن تاشقى كىسەللىك دوختۇرى دىگەن
شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى.

مەخمۇت
سىلىم
تاشقى كىسەللىك بالنىست
دوختۇرى، پارتىيە ئەزاسى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنكومىنىڭ داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان.
يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا سۆڭەك تاشقى كىسەللىك كەسپى بويىچە
بىلىم ئاشۇرغان.
ئۈنۋانى: ۋاراچ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: (1) ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىكلەر، تاشقى
كىسەللىكلەر، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش
ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
(2) سۆڭەك تاشقى زەخمىلىرىنى تاشقى تەرەپتىن قول بىلەن مۇقىمداپ تىڭىش،
ئىچكى تەرەپتىن ئوپراتسىيەلىك مۇقىمداپ تىڭىش، تۆۋەندىكى قوساق بوشلۇق
ئوپراتسىيەلىرىنى ئىشەنچلىك ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاپ بىر تەرەپ قىلىش
ئىقتىدارىغا ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ۋاراچ.
ئىزىززىگۇل
غەرب تىبابەت ئىچكى كىسەللىك بۆلۈمى مۇئاۋىن مۇدىرى.
ئۈرۈمچى ئىجتىمائىي ئوتتۇرا تېخنىكومى غەرب تىبابەت داۋالاش كەسپىدە
ئوقۇغان. شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرسىتىتى غەرب تىبابەت داۋالاش كەسپىدە
ئوئۆركەپ ئوقۇغان. يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا2قېتىم بالىلار
كىسەلىكلىرى ۋە تىز قۇتقۇزۇش كەسپلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.
ئۈنۋانى: ۋاراچ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىكى: (1) غەرب تىبابەت ئىچكى كىسەللىكلىرى، بالىلار
كىسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچەتەكشۈرۈپ ئىشەنچىلىك
دىئاگنوز قويۇپ داۋالاپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
(2) جىددى كىسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش، تىز قۇتقۇزۇپ داۋالاش
تېخنىكا مەشغۇلاتلىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ۋاراچ.

ئابدۇغىنى ئابلىمىت
تاشقى بۆلۈم گمروي كىسەللىكلىرى دوختۇرى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكوم داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان، شىنجاڭ
تىببى ئۈنۋىرسىتىتى مەقەت كىسەللىكلىرى بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرغان.
ئۈرۈمچى 2-خەلق دوختۇرخانىسى مەقەت كىسەللىكلەر بۆلىمىدە بىلىم
ئاشۇرغان. يىقىنقى يىللاردىن بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلى
تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا بەش پارچىدىن ئارتۇق
ئىلمى ماقالە يىزىپ تۈرلۈك ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلدى.
ئۈنۋانى: ۋاراچ بولۇپ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىكى: (1) ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىك، تاشقى
كىسەللىك، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر، مەقەت كىسەللىكلىرى، ئەرلەر
كىسەللىكلىرى بويىچە تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا
ئىگە.
(2) ھەرتۈرلۈك مەقەت كىسەللىكلىرى ۋە گىمروي كىسەللىكلىرىنى دورا بىلەن
ۋە ئوپراتسىيەلىك داۋالاپ زور نەتىجە ياراتقان.
(3) ئەرلەر جىنسىي كىسەللىكلىرىنى دىئاگنوز قويۇپ داۋالاشدا تەجىربىلىك
ياش تىۋىپلارنىڭ بىرى.
ئايمەت غايۇپ
ئىچكى كىسەللىك 3-بۆلۈم مۇدىرى، پارتىيە ئەزاسى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومى داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان. خوتەن
ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش
كەسپى بويىچە ئىچكى كىسەللىك بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئاپتونوم
رايۇنلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا نەپەس يولى كىسەللىكلىرى
بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. يىقىنقى يىللاردىن بىرى كەسىپتە قىتىرقىنىپ
ئىزدىنىپ، ئەمەلى تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەش ئاساسىدا ئۈچ
پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە يىزىپ تۈرلۈك ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان
قىلدى.
ئۈنۋانى: ۋاراچ بولۇپ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: (1) ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىكلىرى، تاشقى
كىسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر، ئاياللار كىسەللىكلىرى بويىچە
تەكشۈرۈپ ئىشەنچىلىك دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
(2) يىقىندىن بىرى ئۇيغۇر تىبابەت قەنت سىيىش كىسىلىنى مەخسۇس تۈر
تۇرغۇزۇپ داۋالاشقا قاتنىشىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
(3) ئۇيغۇر تىبابەت نەزىرىيە ئاساسى ۋە ئەمىلىي ئىقتىدار جەھەتتە
ئاممىنىڭ زور ھىمايىسىگە ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تىۋىپ.
سائادەت سەمەت
ئاياللار كىسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى.
قەشقەر تىببى تېخنىكوم غەرب تىبابەت داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان. خوتەن
ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا ئاياللار كىسەللىكلىرى
بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.
ئۈنۋانى: ۋاراچ بولۇپ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھدىلىگى: (1) ئۇيغۇر تىبابەت ۋە غەرب تىبابەت بىرلەشتۈرۈلگەن
ئۈنۋىرسالنى ئىچكى كىسەللىكلەر، ئاياللار كىسەللىكلىرى، بالىلار
كىسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ
داۋالاش سەۋىيسىگە ئىگە.
(2) غەرب تىبابەت بالىلار كىسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ
داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
(3) يىقىندىن بىرى ئۇيغۇر تىبابەت ئاياللار كىسەللىكلىرى بويىچە
تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىغىنى نوقتىلىق داۋالاش تەتقىقات تۈرىنى
داۋالاشقا قاتنىشىپ يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
(4) پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت مەشغۇلاتىنى بىخەتەر ئىشلەپ كەڭ
ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن ياش ئايال دوختۇر.
مەمتىمىن ئابدۇقادىر
تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى.
شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرسىتىتى ئاياللار تاشقى كىسەللىك كەسپىدە ئوقۇغان.
يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا قورساق تاشقى كىسەللىك ئوپراتسىيە
كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.
ئۈنۋانى: ۋاراچ، ياردەمچى كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: غەرب تىبابەت ئاياللار تاشقى كىسەللىكلىرى،
تۆۋەندىكى قورساق ئوپراتسىيە مەشغۇلاتلىرى، سۆڭەك تاشقى كىسەللىك
ئوپراتسىيەلىرى، ھەرخىل سۆڭەك زەخمە كىسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز
قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
نۇرگۇل قادىر
ئىچكى كىسەللىك 1-بۆلۈم دوختۇرى.
قەشقەر تىببى تېخنىكومى داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان. يۇقىرى دەرىجىلىك
دوختۇرخانىلاردا ئىچكى كىسەللىكلەر ۋە تىز قۇتقۇزۇش كەسپلىرى بويىچە
بىلىم ئاشۇرغان.
ئۈنۋانى: ۋاراچ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: (1) غەرب تىبابەت ئىچكى كىسەللىكلىرى، ئاياللار
كىسەللىكلىرى، بالىلار كىسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە
تەكشۈرۈپ ئىشەنچىلىك دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
(2) يۈرەك مىڭە قان تومۇر كىسەللىكلىرىنى دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش كەسپى
بويىچە تەجىربىسى مول ئىقتىدارغا ئىگە.
غالىپجان مۇقەررەپ
ئىچكى كىسەللىك 1-بالنىست دوختۇرى
قەشقەر تىببى تېخنىكوم كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش كەسپىدە ئوقۇغان.
شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرسىتىتى داۋالاش كەسپىدە ئۆرلەپ ئوقۇغان. يۇقىرى
دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ئىچكى كىسەللىك تىز قۇتقۇزۇش كەسپلىرىدە
بىلىم ئاشۇرغان.
ئۈنۋانى: ۋاراچ، كەسپى ۋاراچلىق سالاھىيتىگە ئىگە.
كەسپى ئالاھىدىلىگى: ئۇزۇن يىللىق ئىچكى كىسەللىكلەر، تاشقى
كىسەللىكلەر، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ
داۋالاش سەۋىيسىگە ئىگە پىشقەدەم ۋاراچ.
قاغىلىق ناھيىلىك
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىرى ۋە بۆلۈم
مەسئۇللىرى


Tel: (0998) 7282896
http://www.UyghurTibbi.com
E-Mail:
ehospital@163.com
QQ:
87156773
|