|
|
|
|||||
|
|
||||||
![]() |
||||||
![]() |
||||||
|
|
||||||
|
تىبابەت ئۇستازلىرىمىز
قاغىلىقتا ئۆتكـەن يېقىنقى زامـان مەشھـۇر ئۇيغـۇر تېـۋىـبـلـىـرى _______________________________________________________________ تەجەللى || سەپەر ئاخۇنۇم || ياسىن ئاخۇن داموللا || مۇھەممەت ئېلى ئېزىزۇللا خەلپەت سايىت ئاخۇن خەلپىتىم || نۇرئەھمەت ياسىن || قۇرباننىياز داموللا || يۈسۈپ روزى _______________________________________________________________
تەجەللى
مەشھۇر ئالىم، بۈيۈك
شائىر، داڭلىق تېۋىپ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۈسەنجان ئەكبەر تەجەللى
ھەزرەتلىرى مىلادى 1856-يىلى قاغىلىق ناھىيسى زوڭلاڭ يېزا ئايكەن
كەنتىدىكى دىنىي ئالىم، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ
ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەككىدە ئالغان.
كېيىن دىھلى شەھرىدىكى دىھلى دارىلمۇئەللىمىن مەدرىسىدە، ئاندىن
ئىراننىڭ ئىسپاغان دارىلفۇنۇننى ۋە ئاۋغانىستاننىڭ كابول دارىلفۇنۇندا
ئوقۇغان. تەجەللى ئوقۇش جەريانىدا خىمىيە، تىبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، ئەرەب، پارىس، ئوردۇ ۋە ھىندى تىللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگەن. تەجەللى ئوقۇشنى تۈگىتىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەكەن، قەشقەر، قاغىلىق، گۇما قاتارلىق جايلاردا مۇددەرىسلىك قىلغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. خىمىيە ئىلمى بويىىمۇ تەجرىبە تەتقىقاتى ئېىلىپ بېرىپ، ئۇنى تىبابەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن تىرىشقان. تىبابەتچىلىك، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىمارلارنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇپ، يوقسۇللارنى داۋالىغاندا ھەق ئالمىغان ياكى ئاز ھەق ئالغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ تىببى ماھارىتى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى، جۈملىدىن يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە ۋە سىل كېسىلى قاتارلىق كىسەللەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاپلا قالماي، بەلكى راك (سەرتان) كېسىلىنىمۇ يىلان گۆشى (زەھىرى) بىلەن داۋالاپ ساقايتقان. دورىگەرلىك جەھەتتە قەدىمكى تىببى كىتابلاردىكى نۇسخىلار ۋە ئۆزى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ چىققان نۇسخىلار ئاساسىدا تەرياق، ھەببى زۇفا، ھەببى جەدۋار، ھەببى ئازراقى (سترخىنىن كۇمۇلىسى)، پولات كۇشتىسى، سىماب كۇشتىسى، پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ھالۋايى بىزە قاتارلىق ئېسىل دورىلارنى ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلىپ خەلقنى داۋالاپ كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغان. تەجەللى ھەزرەت «تەجەللى نۇسخىلىرى» ناملىق قول يازما كىتابلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەندىن باشقا، نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ 125ياشلىق مۇدىر ۋىراچى مەرھۇم تۇردى ھاجى، قاغلىقتىن يۈسۈپ ئەپەندى، ياسىن ئاخۇن داموللا، سەيدىنا ئەپەندىم (ئاۋغانىستانلىق)، سادىق مەخسۇم، گۇمىدىن مەھمۇد ھاجى، ئىبراھىم ھاجى، قەشقەردىن يۈسۈپ ھاجى قەشقىرى (سۆھبەتدىشى)، مۇسا ئاخۇنۇم قاتارلىقلار تەجەللىنىڭ تىببى ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان داڭلىق تېۋىبلاردۇر. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇقادىر ھاجىدا «مىزان تىب» ناملىق بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ باش ۋە ئاخىرقى قىسىملىرىدا تەجەللىنىڭ يەككە دورا رېتسىپى 75پارچىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قۇرۇق يۆتەلنىڭ رېتسىپى ئۈچ پارچە، قورساق ئاغرىقى (ئىچ ئۆتكۈ)، قىزىل، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر، باش، قۇلاق، چىش ئاغرىقلىرىغا شىپا بولىدىغان رېتسىپلار بار. چارۋا ماللارنى داۋالاش توغرىسىدىمۇ رېتسىپلار بار. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى ئالىم ھۈسەيىنخان ئەكبەر (تەجەللى)نىڭ تىبابىتىمىزگە قوشقان تۆھپىسى، ئۆزى ياشىغان دەۋرىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە كىشلەر ئارىسىدا مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە. سەپەر ئاخۇنۇم سەپەر ئاخۇنۇم 1875-يىلى قاغىلىق ناھىيسىنىڭ بەشئىرىق يېزا لەڭگەر باغ كەنتىدە ئوقۇمۇشلۇق دىنىي زات سالى خەلىپە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئەدەبىيات، تارىخ
قاتارلىق پەنلەرنى ئەرەب، پارىس تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ، راۋان ئوقۇپ،
تەرجىمە قىلالايدىغان سەۋىيگە ئىگە ئىدى.
ياسىن ئاخۇن داموللام
ياسىن ئاخۇن داموللا
1903-يىلى قاغىلىق ناھىيە، بەشئېرىق يېزا قاراباغ كەنتىدە
مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ساۋاتىنى ئۆز
مەھەللىسىدە چىقارغان، كېيىن قاغىلىقتىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر
شائىرى،مەشھۇر تېۋىب تەجەللىدە ۋە قەشقەردىكى ئابدۇقادىر داموللىدا
دىن، تىبابەت ئىلمى، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاستورونومىيە،
ئەخلاق قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگەنگەن ۋە شۇ جايدا ئەرەب، پارىس، ئوردۇ
تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. كېيىن خوتەن دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان ۋە
ئۈچ يىل مۇدەررىس بولغان. قاغىلىققا قايتىپ كېلىپ تىبابەتچىلىك دۇكىنى
ئېچىپ، داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.
مۇھەممەت ئېلى ئېزىزۇللا خەلپىتىم
بىر تەرەپتىن ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ 60يىللىق ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىبابىتىگە بېغىشلاپ، نۇرغۇن شاگىرتلارنى تەربىيلەپ چىققان. مۇھەممەت ئېلى ئېزىزۇللا خەلپىتىم 1956-يىلى پارتىينىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىنىڭ دورىلىرى ۋە بىر يۈرۈش داۋالاش سايمانلىرى بىلەن قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنى قۇرۇشقا ئاساس سالغان. مۇھەممەت ئېلى ئىزىزۇللا خەلپىتىم بىر تەرەپتىن كېسەل داۋالىسا يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن داۋالاش تەجرىبىسى ۋە دورا نۇسخىلىرىنى يېزىپ رەتلەپ، 30مىڭ خەتلىكتىن كۆپرەك قىممەتلىك قول يازمىسىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قالدۇردى. ئۇ 1987-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.
سايىت ئاخۇن خەلپىتىم
سايىت ئاخۇن خەلپىتىم 1915-يىلى خوتەن قاراقاش ناھىيە چاقا يېزىسىدا پازىل ئاخۇن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سايىت ئاخۇن خەلپىتىم باشلانغۇچ ساۋاتىنى ئۆز يۇرتىدا چىقارغان. 15يېشىدا قاغىلىققا كېلىپ راشەت مۇتتاھاجى، سادىق مەخسۇم قاتارلىق دىنىي زات ھەم مەشھۇر تېۋىبلاردىن دىنىي ساۋات ئېلىشتىن سىرت، يەنە تىبابەت ئاساسىي نەزەرىيسى ۋە دورىگەرلىك ئىلمىنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئۆگىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئەرەب، پارىس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىق دورا – دەرمەك، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئومومغا تاپشۇرۇپ، 1956-يىلى قۇرۇلغان نۇرلۇق ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىدا باش تېۋىپ بولۇپ ئىشلىگەن. سايىت ئاخۇن خەلپىتىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئۇيغۇر تىبابىتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلغان. ئۇندىن باشقا پارىس تىلىدا يېزىلغان «مىزانى تىب» دىگەن تىببى ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئۆز تۆھپىسىنى قوشقان.
نۇرئەھمەت ياسىن
نۇرئەھمەت ياسىن
1935-يىلى 6-ئايدا قاغىلىق ناھىيە بازار ئىچىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر تېۋىبى
ياسىن ئاخۇن داموللام ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1956-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان «قاغىلىق ناھىيلىك نۇرلۇق مىللىي تېۋىپلار بىرلەشمىسى»گە قاتناشقان. 1956-يىلدىن 1984-يىلىغىچە دورا تەييارلاش بۆلۈم مەسئۇلى، شىپاخانا كەسپى بۆلۈم مەسئۇلى، دوختۇر دورىگەر بولۇپ ئىشلىگەن. 1984-يىلى قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
1982-يىلى تېۋىپ
ئۇنۋانى، 1988-يىلى مەسئۇل تېۋىب ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ باشقىلارغا
باشلامچىلىق قىلىپ تاغ ۋە يېزا قىشلاقلارغا بېرىپ، ئوت- چۆپ دورىلارنى
يىغىشقا قاتناشقاندىن تاشقىرى 1965-يىلدىن باشلاپ كاسىن، بادىيان، رۇم
بادىيان، سوزاپ، قىزىلگۈل قاتارلىق 15خىلدىن ئارتۇق دورىلارنى تېرىپ
ئۆستۈرۈپ كېڭەيتىپ، دورا يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ھەل قىلغان. ئۇ قاغىلىق ناھىيسىدە ئۆتكەن تىۋىپلارنىڭ قول يازمىلىرىنى يىغىش، رەتلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ، بىر قىسىم رېتسىپلارنى دوختۇرخانىدا ئىشلتىىشكە تاپشۇرۇپ ئۇلارنىڭ كىلىنكىلىق ئۈنۈمىنى كۆزىتىش خىزمىتىن ئىشلىگەن. 1996-يىلى 10-ئايدا دەم ئىلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ، كەسپىي جەھەتتە توختاپ قالماي، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، سۈيدۈك يول تېشى كېسىلىنى داۋالاپ ياخشى ئۈنۈم قازانغان. ئۇ 2003-يىلى 68يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
قۇربان نىياز داموللا
قۇربان نىياز داموللا 1962-يىلى قاغىلىق ناھىيسنىڭ كۆكيار يېزا شىخپۇ كەنتىدە، بىر ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆگەنگەن چەت ئەل تىللىرىنى ئۇيغۇر تىبابىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش نىيىتى بىلەن قاغىلىق ناھىيسىگە قايتىپ، قاغىلىقتىكى دىنىي زات، ئاتاقلىق تېۋىپ ياسىن ئاخۇن داموللىغا شاگىرت بولغان. ئۇيغۇر تىبابىتىنى نەزەرىيە ۋە دورىگەرلىك ئىلىمىنى پىششىق ئىگىلەشتىن سىرت، ئەمەلىي داۋالاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئالدىغان نۇرغۇن كىسەللەرنى داۋالاپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغاسازاۋەر بولغان. كېيىن قاغىلىق ناھىيسىنىڭ ئۇششاقباش يېزىسىدا ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇششاقباش ئەسلى بىر تاغلىق رايۇن بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تەبئىي دورا ئۆسۈملۈك بايلىقى كۆپ، ھاۋاسى ساپ، سۈيى مول بولغاچقا، داموللا بۇ ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ، دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆزى يىغقان. 1979-يىلى ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇربان نىياز داموللىنى ئەمەلىي تەجىرىبىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىغا يۆتكەپ كەلگەن. 1983-يىلى سەھىيە نازارىتى ئاچقان پېشقەدەم تېۋىپلارنى تەربىيلەش كۇرىسىدا ئوقۇغان. بۇ بىر يىل جەريانىدا ئوردۇ تىلىنى ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ كەم جايلىرىنى تولۇقلاپ، نۇرغۇن يېڭى رېتسىپلارنى رەتلەپ چىققان. ئۇ 1988-يىلى 62يېشىدا ۋاپات بولغان.
يۈسۈپ روزى يۈسۈپ روزى 1900-يىلى خوتەننىڭ لوپ ناھىيسىدە تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى تەجەللىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ تىبابەت جەھەتتىكى بىلىمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. 1956-يىلى قاغىلىقتا قۇرۇلغان نۇرلۇق ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، باش تېۋىپ بولۇپ ئىشلىگەن. يۈسۈپ روزى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئاقكۆڭۈللۈكى، بىمارلارغا بولغان كۆيۈمچانلىقى بىلەن خەلق ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان. ئۇ تېرە كېسەللىكلىرى، ھەزىم سىستىمىسى كېسەللىكلىرى، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ياخشى ئۈنۈم قازانغان. يۈسۈپ روزى 1959-يىلىدىن باشلاپ يەكەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. 1966-يىلى ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 66يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. ___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.
___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. ___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.
ماقالىنى دوختۇرخانىمىزدىن: تۇردى سىيت توختى، ئابدۇۋاھىت نۇرئەھمەت، سىدىق رەمەت تەمىنلىگەن.
|
||||||
|
___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. ___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.
Tel: (0998) 7282896 http://www.UighurTibbi.com E-Mail: ehospital@163.com QQ: 87156773 |
||||||