|
دوختۇرخانا تارىخىغا نەزەر
دوختۇرخانىنىڭ ھازىرقى ئاساسىي ئەھۋالى
دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن
ھازىرغىچە دوختۇرخانا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن شەخسلەر
دوختۇرخانا تارىخىدا ئۆتكەن
مەشھۇر تىۋىپلار

قاغىلىق ناھىيسى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى لېنيىسى بولۇپ، ئوتتۇرا
ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىــــدا مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. بۇ زېمىنــدا
ھەرتۈرلۈك ئىلىمـلار بىلەن تەڭ تىبابەتچىلىــك ئىلمىنىــڭ
تەرەققىياتىـمۇ ئۆزگىـچە ئالاھىدىلىك ۋە كۆلەمگە ئىگە بولغان.
نۇرغۇنلىغان ئىجتىھاتلىق تېۋىپ، ئەمچىـلەر ئۆزلىرىنىــڭ
مىھنەتلىـــك ئىزدىنشلىـرى ئارقىلىـق قاغىلىقتا تىبابەتچىلىـكنىــڭ
داۋام ئىتىشى، تەرەققى قىلىشى ۋە خەلىقنىڭ ساقلىق ئىشلىرى ئۈچۈن
ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشقان.
دوختۇرخانا
تارىخىغا نەزەر

دوختۇرخانا ئامبولاتورىيە بىناسى
دوختۇرخانا بالنىست بىناسى
قاغىلىق ناھىيلىك
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 1956- يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان
بولۇپ ، قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى نامى «قاغىلىق ناھىيلىك نۇرلۇق مىللى
تىۋىپلار بىرلەشمىسى» ئىدى.
ئەينى يىللاردا
ياسىن ئاخۇن داموللام ، مۇھەممەتئىلى ئاخۇن خەلفىتىم، مۇھەممەت
تۇرسۇن ئاخۇن، ئابدۇۋاھاپ مەمەتشاھ، ھەمدىللا شىرىپ، ئابدۇقادىر
روزى، ئوبۇل ئاخۇن تەجەللى، يۇسۈپ روزى، نۇرئەھمەت ياسىن، سايىت
ئاخۇن خەلفىتىم، ئۆمەر ئىمىن، ئۆمەر ئاخۇن مەخسۇم قاتارلىق 12نەپەر
تىۋىپنىڭ سەرمايە قىلىپ قوشقان دورىلىرى بىلەن ناھىيە بازىرى جامە
مەسجىت ئالدىدا، ياسىن ئاخۇن داموللام بىلەن مۇھەممەتئىلى ئاخۇن
خەلفىتىمنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش ئورنى قىلغان ئۈچ
ئىتىز ئۆيىدە داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇسۇسى
ئىگىلىكدىن كوللىكتىپ ئىگىلىككە ئۆتۈپ، بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن
ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش ئورگىنى بولۇپ قالغان، ھەمدە قاغىلىق
ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى
بەرپا قىلغان ، ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرخانا مەسئۇللۇقىنى ياسىن ئاخۇن
داموللام ئۆتىگەن.
1960- يىلى دۆلەت
ئىگىلىگىگە ئۆتكۈزۋىلىنىپ، نامىنى ‹‹قاغىلىق ناھىيە بازارلىق
نۇرلۇق مىللى تىۋىپلار داۋالاش پونكىتى››گە ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى
يىل ئاخىردا بۇداۋالاش پونكىتى نامى ‹‹قىزىل بايراق گوڭشى
دوختۇرخانىسى ›› دەپ ئۆزگەرتىلىپ، خادىملار تەڭشىلىپ، غەرىپ
تىبابىتى خادىملىرى كىرگۇزۈلۈپ ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن غەرىپ
تىبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن داۋالاش ئورگىنى بولۇپ قالغان.
1981-يىلى 9-ئايدا
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە،ھۆكۈمەت،سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ قوللىشى ۋە
ئەھمىيەت بىرىشى ئارقىلىق ئەسلىدىكى قىزىل بايراق گوڭشى
دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر تىبابەت خادىملىرىدىن 13 نەپەر
كىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك
دوختۇرخانىسى قۇرۇلدى .

دوختۇرخانىنىڭ
ھازىرقى ئاساسىي ئەھۋالى
 |
 |
 |
|
دوختۇرخانا پارتىيە ياچايكا شۈجىسى: ۋاڭ لى |
دوختۇرخانا باشلىقى: دولقۇنجان زۇنۇن |
مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى: ئالىمجان كىرىمىللا |
قاغىلىق ناھىيلىك
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ ھازىرقى ئومومى يەر
كۆلىمى5163كۇۋادىرات مىتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 5994كۇۋادىرات مىتىر،
كەسىپكە ئىشلىتىلىدىغان ئۆي كۆلىمى 4344كۇۋادىرات مىتىر.
1988-يىلى
1335كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۈچ قەۋەتلىك مىللى تۈسگە ئىگە
ئامبۇلاتۇرىيە بىناسى سىلىنىپ، 30 كارۋاتلىق ئىچكى كىسەللىكلەر
بالنىستى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
2002-يىلى
دوختۇرخانا رەھبەرلىگى پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇقۇرى
دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللۇشى ۋە ئۆز تىرىشچانلىغىغا تايىنىپ،
1574كۇۋادىرات مىتىر كۆلەمدىكى ئۇنۋىرسال بالنىست بىناسنى سىلىپ،
يىل ئاخىردا كىسەل قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشگە باشلىدى.
2003-يىلى يىل
بىشىدىلا كوميۇتىرلاشقان دوختۇرخانا باشقۇرۇش سېستىمىسىنى
كىرگۈزۈپ، دوختۇرخانا كەسپى ئىشلىرىنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇپ، مالىيە
باشقۇرۇش، ئىقتىساد باشقۇرۇش قاتارلىق كەسپى ئىشلاردا
زامانىۋىلاشقان دوختۇرخانا باشقۇرۇش ئەندىزىنى يۈرگۈزۈپ، داۋالاش،
ئارخىپ ئىشلىرىنىڭ سۈپىتى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.
نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كومپيۇتىردىن 18ى،
ئىشلىتىۋاتقان تارماق مەشغۇلات سىستىمىلىرىدىن: باش مۇلازىمىتىر
كونتىرول تەڭشەش سېستىمىسى، ئامبولاتورىيە ھىساۋات سېستىمىسى،
بالنىست ھىساۋات سېستىمىسى، سېستىرالار مەشغۇلات سېستىمىسى،
دورىخانا باشقۇرۇش سېستىمىسى، ئامبار باشقۇرۇش سېستىمىسى، دورا
ياساش بۆلۈم مەشغۇلات سېستىمىسى، دوختۇرخانا باشلىقى نازارەت
ھىساۋات سېستىمىسى، مالىيە ھىساۋاتى نازارەت سېستىمىسى،
لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش سېستىمىسى، B تىپلىق تەكشۈرۈش سېستىمىسى
قاتارلىق سېستىمىلاردىن 11سى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
دوختۇرخانىدا-
مەمۇرى ئارقا سەپ بۆلۈمى، ئامبۇلاتۇرىيە، ئىچكى كىسەللىكلەر
بۆلۈمى، جىددى قۇتقۇزۇش سۆڭەك تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمى، دورىخانا،
دورا ياساش بۆلۈمى قاتارلىق ئالتە چوڭ بۆلۈم تەسىس قىلىنغان.
ئامبۇلاتورىيە بۆلۈم قارمىغىدا ئىچكى كىسەللىكلەر بۆلۈمى، تاشقى
كىسەللىكلەر بۆلۈمى ، ئاياللار كىسەللىكلىرى بۆلۈمى، چىش بۆلۈم،
فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى، ئوكۇل بۆلۈم، لابۇراتورىيە بۆلۈم،
رىنتىگىن بۆلۈم، B تىپلىق بۆلۈم، ئې س گ ئاۋازدىن تىز دولقۇندا
تەكشۈرۈش بۆلۈم، قاتارلىق تەكشۈرۈش، دىئاگىنۇز قويۇش بۆلۈملىرى
تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ بۆلۈملەرگە ئەڭ ياخشى بولغان ئىلغار
تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى سەپلىنىپ، دوختۇرخانىنىڭ دىئاگىنۇز قويۇش
داۋالاش سەۋىيەسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن.
دوختۇرخانىدا 558
كۇۋادىرات مىتىر كىلىدىغان مەخسۇسلاشقان دورا ياساش بۆلۈمى بار
بولۇپ ئىلغار بولغان ئېزىش، لايىقلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، كۇمۇلاچ
دورا ياساش، شەربەت، ئىچىملىك ياساش ماشىنىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش
ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە بولۇپ، 13خىل دورا شەكىلدىكى 120 خىلدىن
ئارتۇق دورا ياسىلىپ مۇرەككەپ دورىلاردا پۈتۈنلەي ئۆز- ئۆزىنى
تەمىنلەش شارائىتىنى ھازىرلىغان.
نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىزدىكى ئىشچى
خىزمەتچىلەر 157نەپەر، دوختۇرخانىنىڭ
ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى ㎡5527.8 (تەخمىنەن 8.3مو)، كەسپ ئۈچۈن
ئىشلىتىلىدىغان ئۆي ㎡3478 كىلىدۇ. نىسپەتەن ئىلغار بولغان ئامىرىكا
ئىشلەپچىقارغان Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىلىق تەكشۈرۈش ئاپراتى،
ئاپتۇماتىك قان ھۈجەيرىلىرىنى ئانالىز قىلىش ئاپراتى، بىئو
خىمىيىلىك ئانالىز قىلىش ئاپراتى، سۈيدۈك ئانالىز قىلىش ئاپراتى،
يۈرەك ئىلىكتىروگىرامما ئاپراتى، 200مىگا ئاپموللىق Xنۇرى ئاپراتى،
يۈرەك ئىلىكتىروگىرامما كۈزىتىش ئاپراتى، دورىلىق ھورداق داۋالاش
ئاپراتى، دورىلىق ۋاننا داۋالاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئون نەچچە خىل
دىئاگنۇز قويۇش داۋالاش ئەسلىھەلىرى بىلەن ئىلغار بولغان دورا
ياساش ئەسلەھەلىرى ئىشلىتىلدى. بۆلۈم ئىشخانىلەر: ئامبولاتورىيە،
جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈم (ئۇيغۇر تىبابىتى، غەرب تىبابىتى
بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈنۋىرسال ئىچكى بۆلۈم)، ئۇيغۇر تىبابىتى ئىچكى
بۆلۈمى، ئۇيغۇر تىبابىتى ئاياللار بۆلۈمى، تاشقى بۆلۈم (تاشقى
كىسەللىك ۋە سۆڭەك بۆلۈم كىسەللىكلىرىنى دىئاگنۇز قويۇپ داۋالايدۇ)،
ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى ياساش بۆلۈمى، مەمۇرىيەت ئىشخانىسى،
دورىخانا، ئارقا سەپ تەمىنات قاتارلىق بۆلۈم ئىشخانىلارغا
ئايرىلغان.
نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىزغا تەستىق بىرىپ
بىكىتىلگەن كارۋات 90دانە بولۇپ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ياتاقتا
يىتىپ داۋالىنىۋاتقان بىمار 80ئادەم ئەتراپىدا، ئامبولاتورىيەنىڭ
مىقدارى 35مىڭ ئادەم قېتىم/يىل، ياتاقتا ياتقان بىمار 1300ئادەم
قېتىم/يىل، ھەرخىل تۈردىكى ئوپراتسىيە 200ئادەم قېتىم/ يىل بولغان.
دوختۇرخانىمىزنىڭ دورا ياساش بۆلۈمىدە ھازىر بار بولغان خام دورا
ماتىرىيالى 245خىل، ئەنگە ئىلىپ تەستىق بەرگەن پىششىقلاپ ياساشقا
بولىدىغان دورا 13تۈر دورا شەكلىدە، 61خىل مەھسۇلات بولۇپ، يىللىق
ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1مىليۇن 500مىڭغا يىتىدۇ. ئاساسى جەھەتتىن
دوختۇرخانىمىزنىڭ تىبابەت دورىسى ئىشلىتىش ياساش ئىھتىياجىنى
قاندۇرىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ يەنىمۇ
بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ئىشلىرىغا
ياردەم بىرىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ
بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاسىتدا، 2005-يىلى ئىلتىماس قىلغان دۆلەت
مەسئۇل بولىدىغان تۈر تەستىقلانغان بولۇپ، 2006-يىلى
7-ئايدا㎡1460لىق كەسپى بىناسىغا ئىش باشلاپ، 2007-يىلى 9-ئايدا
ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، دوختۇرخانىمىزنىڭ پۈتۈن بالنىست
شارائىتىدا زور كۆلەمدىكى ياخشىلىنىش بولۇپ، بىمارلار ياخشى بولغان
داۋالىنىش مۇھىتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتىدۇ.
دوختۇرخانىمىزدىكى بارلىق تىببى
خادىملار جاندىل بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەلا
مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش غايىسى تۈرتكىسىدە قىرىنداش
دوختۇرخانىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ بىر
قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ،
ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،
ئۈزلۈكسىز زامانىۋى دىئاگنوز قويۇش داۋالاش ئۈسكۈنىسى كىرگۈزۈپ،
ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن غەرىپ تىبابىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ،
يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى
قىزىپ تەرەققى قىلدۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى داۋالاش-
دورىگەرلىكىنى بىيىتىش، تەرەققى قىلدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ
ساغلاملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز.

دوختۇرخانا
قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە دوختۇرخانا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن
شەخسلەر
توختى مەھەممەت،
كىرمىللا تۇردى، نۇرئەھمەت ياسىن، مەھەممەت قادىر، تۇردى سىيىت
توختى، دولقۇنجان زۇنۇن،
ئالىمجان كىرىمىللا.

دوختۇرخانا
تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر تېۋىپلار
ياسىن ئاخۇن
داموللام، مۇھەممەتئىلى ئاخۇن خەلفىتىم، مۇھەممەت تۇرسۇن ئاخۇن،
ئابدۇۋاھاپ مەمەتشاھ، ھەمدىللا شىرىپ، ئابدۇقادىر روزى، ئوبۇل
ئاخۇن تەجەللى، يۇسۈپ روزى، نۇرئەھمەت ياسىن، سايىت ئاخۇن
خەلفىتىم، ئۆمەر ئىمىن، ئۆمەر ئاخۇن مەخسۇم، مۇھەممەت ئاخۇنۇم،
قۇرباننىياز داموللام.
|