|
|||||||||
|
|
|||||||||
|
|
|||||||||
|
|
|||||||||
|
|
|||||||||
|
|
سۇئال ۋە جاۋاب
بىمار تورداشلاردىن كەلگەن سۇئاللار ۋە دوختۇرخانىمىز دوختۇرلىرى بەرگەن جاۋابلار توپلاپ ئىلان قىلىندى، ئوخشاش سۇئال سورىغان تورداشلارنىڭ بۇ بەتتىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇق. كىسەل داۋالاشتا كىسەلنى كۆرمەي، دىئاگنوز قويۇش تازا مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقى ھەممەيلەنـــگە مەلۇم، شۇنداق بولسىمۇ پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇ جاۋابلار بىرىلدى، بۇلارنى پۈتۈنلەي ئاساس قىلىۋالماسلىڭىزلارنى ئەسكەرتىمىـــــــــــــز، رەھمـــــــــــەت.
سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن دوختۇرلار: ئابدۇۋاھىت نۇرئەھمەت، سىدىق رەمەت، نۇرىمانگۇل ئىلى ــــــــــ ئۇيغۇر تىببى تورى
1) بىمار: مىنىڭ 18يېشىمدىن تارتىپ چېچېم ئاقىرىشقا باشلىدى ھازىر بېشىمنىڭ چوققىسى ئاقىرىپ بولدى بۇنىڭغا دورا بارمىدۇ؟ يەنە چېچېم بەك چۈشىدۇ بۇنىمۇ داۋالىغىلى بولامدۇ؟ دوختۇر: سىزدىكى ياش تۇرۇپلا چاچ ئاقىرىشنىڭ سەۋەبى بىرسى ئىرسىيەتتىن يەنە بىرسى سەپرادىن بولىدۇ، بۇنىڭدىكى سەپرادىن بولۇش ئىھتىماللىقى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن سىز سەپرانىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك كىرەك. سىزنىڭ كىسەللىكىڭىزگە سىرىق ھەلىيلە، قارا ھەليلە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلاردىن چاچ مىيى، سىيادان مىيى، سىيادان ئوكۇلى مەنپەئەت قىلىدۇ. %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
2) بىمار: مەن xxxيەردىن، مىنىڭ يۈز، قول، پۇت ۋە بەدىنىمنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىدە ئاق كىسەل بار، بۇنى سىلەرنىڭ دوختۇرخانىڭىزلاردا داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟ ساقايتقىلى بولسا قانداق ۋاقىتتا بارسام بولىدۇ؟ دوختۇر: ئەلۋەتتە داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، لىكىن كىسەلنى قانچە بۇرۇن داۋالاشقا تۇتۇش قىلسىڭىز، تولۇق ساقىيىش نىسپىتى شۈنچە يۇقىرى بولىدۇ. سىزنىڭ ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمەي، مۇناسىۋەتلىك دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇر مەسلىھەتى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىزنى سەمىڭىزگە سالىمىز. دوختۇرخانىمىزدا مۇشۇ رايۇندىن ۋە باشقا قوشنا ناھىيە، ۋىلايەتلەردىن كىلىپ مەخسۇس داۋالىنىدىغانلار بار، تىرە كىسەللىك بۆلۈمدىكى بىر قىسىم تىپىك مىساللارنى بۇ ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ. %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%% 3) بىمار: مىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يەل تاشما كېسىلىم بار ،نەچچە يىل بولدى پەقەت ساقايمىدى ،ئۇدۇرمىغان ئوكۇل ،يېمىگەن يەل باسار دورىلار قالمىدى ،بۇ ھاۋا بەك سوغۇق ھەم نەم چاغلاردا بەك قوزغىلىدۇ، بەدىنىم ئاۋال قىزىرىپ ئاندىن يىلىم تېشىپ، ئاندىن بارغانسېرى يوغىناپ يالپاق بولۇپ كېتىدۇ، پۈتۈن بەدىنىمنىڭ ساق يېرى قالمايدۇ. شۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىمەن ،بۇنىڭغا ئۈنۈملۇك يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان دورا بولسا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.دورا ئىسمىنى دەپ بەرسىڭىز. دوختۇر: تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە داۋالاش ئىلىپ بارغاندا، كىسەللىكىڭىزگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 1) ئاۋۋال ئامال بولسا، مەتبۇخ شاھتەرى 7كۈندىن 12كۈن ئەتراپىدا ئىچىلىدۇ. 2) چىلان دەرىخىنىڭ قوۋزاق پوستى 100g ، مامۇرانچىن 30g، رەۋەن 30gدىن ئىلىپ سوقۇپ، قاينىتىپ، ھەپتىدە ئىككى قىتىم پۈتۈن بەدەن يۇيىلىدۇ. 3) ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرىدىن ھەببى شاھتەرى (6تالدىن 3ۋاخ)، مەجۇنى چۆبىچىن (8تالدىن 3ۋاخ) ئىستىمال قىلىنىدۇ. پەرھىزلىرى: سوغۇق يەرلىك نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇش ( كالا گۆشى، ئەچكۈ گۆشى، ئاچچىقسۇ لازا، قىيمىلىق تاماق) قاتارلىق يەرلىك نەرسىلەردىن قەتئىي پەرھىز تۇتۇش كىرەك. %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
4) بىمار: سېرىق ئەت يىرتىلىشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ ماڭا 1-2 يىلدەك بولۇپ قالدى دوۋسۇن تەرەپ چىقىۋالدى، ئىچىگە سۈرسەم كىرىپ كېتىدۇ؟ مۇشۇلارلا، يا ئاغرىمايدۇ؟مەن نىمىلەرگەدىققەت قىلىشىم كېرەك؟داۋلىغىلى بولارمۇ؟ دوختۇر: سىز قالدۇرغان بايانلاردىن سىرىق ئەت يىرتىلغانلىقى مەلۇم. ھەم 2يىلچە بولۇپ قالغانلىقى ئىيتىپسىز، ئەگەر قىسقا مەزگىل بولغان بولسا ئۇيغۇر تىبابەتتە دورا بىلەن ساقايتىش ئىمكانىيتى بولغان بولاتتى، بىراق سىزنىڭ ۋاقتىڭىز ئۇزىراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئورنىڭىزدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تاشقى كىسەل دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ مەسلەھەت ئالغىنىڭىز ياخشى. %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
5) بىمار: مىنىڭ بىر يىلدەك بولۇپ قالدى تۇرۇپ تۇرۇپ بېشىم قايىدىغان بولۇپ قالدى ئىككى ئۈچ ئايدا بىر قايىدۇ، دوختۇرغا كۆرۈندۈم قان ئاز ئەمەسكەن. قىيىشتن بۇرۇن كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ شۇنىڭغا قاراپ ئاشقازىنىم چاتاقمىكىن دەيمەن، بېشىم قايغاندا كۆزۈم قاراڭغۇلۇشۇپ كېتىدۇ، پۇتۇمدىمۇ جان يوق بولۇپ كېتىدۇ، سىلەرچە مەن قانداق كېسەل بولغاندىمەن؟ دوختۇر: سىز دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، قاندىكى ماينى تەكشۈرتۈپ كۆرۈپ، ئاندىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈڭ. %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
6) بىمار: قانداق قىلغاندا قولتۇق تەرلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئاۋارە قىلدىم، مەسلىھەت بەرگەيسىز. دوختۇر: زەمچە بىلەن تۇزنى ئارلاشتۇرۇپ قازاندا قورۇپ، ئاندىن خالتىغا ئىلىپ قولتۇققا بىسىلىغاندا، قولتۇق تەرلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
7) بىمار: مىنىڭ بىر ئىنىم بار 20ياش كېچىدە دائىم چىشى غۇچىلدايدۇ، بۇنى قانداق داۋالاش كېرەك؟ قانداق دورا ئىشىلىتش كېرەك؟ دوختۇر: دوختۇرنىڭ قىشىغا بىرىپ مەددىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىڭ. %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
8) بىمار: ئۇيغۇر تىبابىتىدە B تىپلىق جىگەر كىسەللىكىنىڭ دورىسى بارمۇ؟ بولسا، ئۇ دورىلارنىڭ ئۈنۈمى بولارمۇ؟ دوختۇر: دوختۇرخانىمىز Bتىپلىق جىگەر كېسەللىكلىرىگە قارىتا، داۋالاش ئىلىپ بىرىپ ئۈنۈم بىرىش نىسپىتى يۇقۇرى بولغان دورىلاردىن نۆۋەتتە: دىنار شەربىىتى، سىركەنجىۋىل شەربىتى، مائۇل بوقۇل شەربىتى، ئەرقى كاسىنى قاتارلىق دورىلار بار. دورىلار ساپ ئۇيغۇر تىبابەت رىتسىپلىرى ئاساسىدا تەييارلىنىدۇ. يۇقارقى دورىلارنىڭ Bتىپلىق جىگەر كىسەللىكىگە قارىتا ساقىيىپ ئۈنۈم بىرىشى ئالاھىدە كۆرىنەرلىك بولۇپ، كىسەللىكلەرنىڭ ساقىيىش نىسپىتى %80 دىن ئاشىدۇ. يۇقارقى دورىلارنىڭ تەپسىلاتى ۋە باشقا كىسەللىكلەرنىڭ داۋاسىغا قارىتا ئىزدەش توربىتىمىز: http://www.UighurTibbi.com/uighur/dora.htm %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
9) بىمار: ئۇيغۇر تىبابېتىدە ئاشقازان تۆۋەنلەش كىسەللىكىگە قارىتا قانداق پەرھىزلەر بار؟ ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۇنىڭ دورىسى بارمۇ؟ دوختۇر: ئاشقازان تۆۋەنلەشنى ئەسلىدە پەرھىز تاماقلار بىلەن ئۆزلىكىدىن ساقايتقىلىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن: تاماقنى ئاز-ئاز يىيىش، پات- پات يىيىش، تەستە ھەزىم بولىدىغان، ئىغىر تاماقلارنى يىمەسلىك، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يۇمشاق تاماقلارنى دائىم ئىستىمال قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا ساقىيىش ئىھتىماللىقى زور. ئەگەر، دورا ئىشلىتىش پىلانىڭىز بولسا، دوختۇرخانىمىزدا ئاشقازان تۆۋەنلەشنىڭ ياخشى، ئۈنۈملۈك دورىلىرىدىن بار، مەسىلەن: جاۋارىش قانىسە ... قاتارلىقلار. %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
10) بىمار: ئۇيغۇر تىبابەتتە مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولامدۇ؟ بولسا يول كۆرسەتسىڭىز دورىلاردىن بىرقانچنى تەۋسىيە قىلسىڭىز، ھازىر يالغانچى دوختۇرخانىلارنىڭ جىقلىغىدا ئادەم ئەنسىرەپ قالىدىكەن ،مەن يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ مىللى تىبابىتىگە يۈكسەك ئىشىنىمەن (داۋالاش ۋەئاسىراش تىپىدىكىلىرى). دوختۇر: مەزى بېزى كېسەللىكىگە قارىتا دوختۇرخانىمىز داۋالاش ئىلىپ بېرىپ ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان دورىلاردىن نۆۋەتتە: مەزى بېزى ئىچىملىگى، ئەرقى كاكىنەچ قاتارلىق دورىلار بار. دورىلار ساپ ئۇيغۇر تىبابەت رىتسىپلىرى ئاساسىدا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ئەمىلى ئەھۋالىڭىزنى دوختۇرغا تەپسىلىي تەكشۈرۈتۈپ ئاندىن، يۇقاردىكى دورىلارنى ئىشلتىش ۋە دوختۇر كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
11) بىمار: 1-2 يىل بولاي دەپ قالدى، مىنىڭ كۇن بويى ئۇيقۇم كىلىپ ئەسنەپلا تۇرىمەن،ئۇيقۇم ياخشى بولمىسا...... بۇنىڭ ئۇچۇن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ يەنە بىر سوئالىم: يېقىندىن بېرى قەۋزىيەت بوپ قاپتىكەنمەن،يېمەكلىكتىن نېمىلەرنى يېسەم بولىدۇ؟ئۆزۈم ئۇرۇق ئەمما ئازراق ئىسسىغلىق تاماق يىسەملا كالپۇكىم قۇرۇپ ئسسىغىم ئېشىپ كېتىدۇ.يېمەكلىك تەرەپتىن بىر ياخشى مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار. دوختۇر: ۋاقتىدا ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. قەۋزىيەتكە قارىتا ئەتىگەنلىكى بىر ۋاخ بىر قوشۇق ھەسەلنى بىر قاچا چايغا ئارىلاشتۇرۇپ، ناشتا قىلىپ بەرسىڭىز قەۋزىيەتكە ھەم تولا ئەسنەيدىغان، ماغدۇرسىزلىق ئىشلىرىڭىزغا پايدىلىق. ئازراق ئىسسىقلىق تاماق يېسىڭىز كالپۇكىڭىز قۇرۇپ كېتىشىگە قارىتا، مۇۋاپىق يەل- يېمىشلەر(مەسىلەن: نەشپۈت، جۈيزە...) بىلەن تەڭشەپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. %%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
قوشۇمچە: دورا سېتىۋىلىش توغىرىسىدا كۆرسەتمە: "ئۇيغۇر تىببى تورى"دا تونۇشتۇرۇلغان دورىلارنى سىز شىنجاڭنىڭ قەيىرىدە بولسىڭىز شۇ يەردىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىدىن سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، "ئۇيغۇر تىببى تورى"دا ئېلان قىلىنغان دورىلار قاغىلىق ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى دورا ياساش بۆلۈمى ياساپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دورا باشقۇرۇش نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، دورا ياساش تەستىقىدىن ئۆتكەن دورىلار بولۇپ، باشقا دوختۇرخانىلار ئىشلەپ چىقارغان ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى بىلەن ئازدۇر كۆپتۈر پەرىقلىنىشى مۇمكىن (بۇنداق ئەھۋال شۇ دورىلارنىڭ ياساش ئۇسۇلىدىكى پەرق، قوشۇلغان تەركىبلەردىكى پەرق، تەركىب دورىلارنىڭ كېلىش مەنبىئىيدىكى پەرق تۈپەيلىدىن باشقا دوختۇرخانىلار دورىلىرى بىلەن ئازدۇر كۆپتۈر پەرق بولىشى تەبىئىي). بىز تورداشلاردا مۇمكىن بولسا يەنىلا "ئۇيغۇر تىببى تورى"دا ئېلان قىلىنغان قاغىلىق ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى دورا ياساش بۆلۈمى ئىشلەپچىقارغان دورىلارنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. دورىلارنى توپ سېتىۋالغۇچى ئورۇن (دوختۇرخانا ۋە باشقا سەھىيە سىستېمىسىدىكى تەشكىلاتلار) ۋە شەخسلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايمىز. يەككە تۈردە، ئايرىم سىتىۋالغۇچىلارغا تەۋسىيمىز: تور بەتتە تونۇشتۇرۇلغان دورىلارنى كۆرگەندىن كىيىن، بىۋاستە سىتىۋىلىشتا دورا ھەققىگە پوچتا ھەققى قوشۇپ ئىلىنىدۇ، يەككە تۈردىكى ئايرىم دورىلارنىڭ پوچتىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزۈلۈش سۈپىتىنى ئويلاشمىساق تېخى بولمايدۇ. شۇڭا مۇمكىن بولسا مۇشۇ جايدىكى تونۇش بىلىشلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىتىۋالسىڭىزلار بولىدۇ. قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى دورا ياساش بۆلۈمى تېلېفۇن نومۇرى: 7289402-0998
ئۇيغۇر تىببى تورى http://www.UighurTibbi.com
|
||||||||
|
___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. ___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.
Tel: (0998) 7282896 http://www.UighurTibbi.com E-Mail:ehospital@163.com |
|||||||||