ھەسەل ۋە سالامەتلىك

 

ھەسەل – ساغۇچ رەڭگى، شىرىن تەمى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان. يېقىنقى زامان دورىگەرلىك ئىلمىي تەتقىقاتى ھەسەل تەركىۋىدە %36 مىۋە شىكىرى، %8 ئۈزۈم شېكىرى (گېلىكوزا) ۋە ۋىتامىن B گۇرۇپپىسى، ۋىتامىن C، كۆپ خىل مېنرال تۇز، فېرمېنت خىللىرى، ئاقسىل، ئورگانىك كىسلاتا، يېتىلدۇرگۇچى ھورمون قاتارلىقلار بارلىغىنى؛ يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، جىگەرنى مۇھاپىزەت قىلىش، بەدەننى كۇچەيتىش، ئۈچەي، ئاشقازاننى سىلىقلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرلىرى قېتىپ قېلىشتىن ساقلاش، باكتىرىيە ئولتۇرۇش قاتارلىق رولى بارلىغىنى ئىسپاتلىدى.

دۆلىتىمىزدە ۋە چەتئەللەردە ھەسەل بىلەن زۇكام، ئۇچەي، ئاشقازان يارىسى، جىگەر ياللۇغى، ئوت تېشى كېسەللىگى، ئۆت خالتىسى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالىماقتا. ھەسەل يەنە بىر خىل ئۇنۇملۇك تېنچلاندۇرغۇچى ئۇيقۇ دورىسى، ھەسەل مەلھىمى مۇڭگۇز پەردە ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك. چىقان، غەلۋەرەك، پۇت يارىسى ۋە يەڭگىل دەرىجىدە قايناقسۇدا كۆيگەن يارىنى ھەسەل سۇركەپ داۋالىغىلى بولىدۇ. سوزلما خاراكتىرلىك قەۋزىيەت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۇزۇنغىچە ھەسەل ئىستىمال قىلسا ئۇچىينى سىلىقلاشتۇرۇپ، تەرەتنى راۋان قىلىدۇ، نورمال كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ياشانغان كىشىلەر، بالىلار، ئۇزاق مۇددەت كىسەل بولۇپ تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىلەر ھەسەل ئىستىمال قىلسا ئىشتىيى ئېچىلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىغى ئاشىدۇ، كېسەلگە قارشىلىق كۈچى كۈچىيدۇ.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

مەنبە: "تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى"(2)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى (No: M17264.6)

 

http://www.UighurTibbi.com

 
 

 باش بەتكە قايتىش

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

Tel:  (0998) 7282896       http://www.UighurTibbi.com 

E-Mail:   ehospital@163.com               QQ: 87156773