ئەنجۈر ۋە ئۇنىڭ تىبابەتچىلىكتىكى رولى

 

ئەنجۈر ــــ چىچەكلىمەيدىغان، يىلىغا 3قېتىم مىۋە بېرىدىغان، مىۋىسى تاتلىق، شىرنىلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا مىۋىلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئىسىل مىۋىلەرنىڭ بىرى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىدە، ئەنجۈر كىشىنى سەمرىتىش، يۈرەكنىڭ ئىسسىغىنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە، دەپ قارالماقتا. كونكىرىت ئېيتقاندا، ئۇ مۇنداق شىپالىق رولىغا ئىگە:

ئەنجۈر مۇرابباسى بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ئەنجۈر قېقى قېقى بەدەندىكى كېەكسىز ماددىلارنى يوقىتىدۇ. ھۆللۈك ياكى سوغاقتىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ. ئەنجۈر قېقىنىڭ تالقىنى جاراھەت سۈيىنى يوقىتىدۇ. ئەنجۈر قېقى قاينىتىلغان سۇدا ئېغىز چايقالسا، تىل ۋە كاناي ئىششىقلىرى يانىدۇ، ھەسەل بىلەن قاينىتىلغان سۇيى كۆكرەكنى، ئۆپكىنى تازىلايدۇ. ئەنجۈر سۇيى قوساق ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. ئەنجۇر قېقى ياڭاق مېغىزى بىلەن سوقۇلغاندىن كېيىن كاپ ئېتىلسە، ئىشتەي ئېچىلىدۇ. پىشقان ئەنجۇرنى ئۈزگەندە ساپىغىنى ساقىپ چىقىدىغان سۇ(سۈت) سوگەل ئەتراپىغا 4-3 كۈنگىچە سۈركەپ بېرىلسە، سۆگەل چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇ تەمرەتكىگىمۇ شىپا بولىدۇ.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

مەنبە: "تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى"(2)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى (No: M17264.6)

 

http://www.UighurTibbi.com

 
 

 باش بەتكە قايتىش

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

Tel:  (0998) 7282896       http://www.UighurTibbi.com 

E-Mail:   ehospital@163.com               QQ: 87156773