كىسەللەرنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

 

ئۆپكە تۇبىركىليۇز كىسىلى بار كىشىلەرنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

يۈرەك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتا بولغانلارنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

قان بىسىمى يۇقىرلاپ كەتكەنلەرنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

جىگەر كىسىلى بار كىشىلەرنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

ئۆپكە تۇبىركىليۇز كىسىلى بار كىشىلەرنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

ئۆپكە تۇبىر كىليۇزى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ تېنىدە ئېنىرگېيىنىڭ خورىشى تېز بولىدۇ. شۇڭا، ئىمكان قەدەر ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقۇرى، ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلار مول ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، تۇخۇم، سۇت، گوش، بېلىق قاتارلىق كالتىسىي ماددىسى كۆپ يىمەكلىكلەرنى ۋە كۆكتات، مىۋە، پۇرچاق قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى لازىم. ھاراق، تاماك، لازا قاتارلىقلار قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. قان تۇكۇرگەندە سامساقنىمۇ كۆپ يىمەسلىك كېرەك.

يۈرەك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتا بولغانلارنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

ئانار، دولانا، بولدۇرگەن، تۇرۇپ، سەۋزە قاتارلىقلارنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولى بار. مايلىق يىمەكلىكلەر، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، ئاچچىق- چۇچۇك يىمەكلىكلەر، قېنىق چاي، ھاراق قاتارلىقلارنى ئاز ئىستىمال قىلىش لازىم.

 

 

قان بىسىمى يۇقىرلاپ كەتكەنلەرنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

قان بىسىمى يۇقۇرى كېسەللەر، تەركىۋىدە ۋىتامىن ، كۆپرەك بولغان يېڭى كۆكتاتلارنى، پۇرچاق ئۇندۇرمىسى، مىۋە- چىۋە، قوغۇن- تاۋۇزلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم. خەيدەي قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قان تومۇرلار قېتىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار. شۇڭا دائىم يەپ تۇرۇش كېرەك. ھايۋانات مايلىرىنى يىمەي، ئوسۇملۇك مايلىرىنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا قاندىكى خولىستىرىننىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چىڭسەي قاتارلىقلارنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولى بار. تۇزنى ئازراق ئىستىمال قىلىش، ھاراق ئىچمەسلىك لازىم.

 

جىگەر كىسىلى بار كىشىلەرنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار سۇت، تۇخۇم، بېلىق، گۆش، پۇرچاق قاتارلىق ئاقسىل ماددىسى مول يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى كېرەك. شېكەر، گىلىكوزا، مۇراببا، ھەسەل قاتارلىق ئىسسقلىق مىقدارى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنى ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. سوزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر كېسەللىكلىرى ھەرخىل كۆكتاتلار، مۇراببا قاتارلىقلار ۋە مايسىزراق يىمەكلىكلەرنى يىيىش كېرەك. ئاچچىق- چۇچۇك نەرسىلەرنى يىمەسلىك، ھاراقنى مۇتلەق ئىچمەسلىك كېرەك.

 

مەنبە: "تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى"(2)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى (No: M17264.6)

 

http://www.UighurTibbi.com

 
 

 باش بەتكە قايتىش

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

Tel:  (0998) 7282896       http://www.UighurTibbi.com 

E-Mail:   ehospital@163.com               QQ: 87156773