دورىنى ئىچىشنى ئۇتتۇپ قالغاندا قانداق تولۇقلاش كىرەك؟

 

دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالغاندا، ئۇنتۇلۇپ قالغان دورا بىلەن كېيىنكى قېتىمقى دورا قوشۇپ ئىچىلسە رېئاكسىيە بېرىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم.

قىزىتما چۈشۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش تىپىدىكى دورىلار ئادەتتە ھەرئالتە سائەتتە بىر قېتىم ئىچىلىدۇ. بىر كۈندە تۆت قېتىمدىن ئارتۇق ئىچىلمەيدۇ. مۇشۇنداق دورىلارنى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالغاندىن كېيىنكى ئۈچ سائەت ئىچىدە تولۇقلاپ ئىچىشكە بولىدۇ، لېكىن ئۈچ سائەتتىن كېيىن تولۇقلاپ ئىچمەسلىك لازىم.

ئىچ ئۆتكۈنى توختىتىش دورىلىرىنى ئىچىش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، تولۇقلاپ ئىچمەي، كېيىنكى قېتىمدا ۋاقتىدا ئىچىش كېرەك.

يۆتەل دورىسىنى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالغاندا، ئۈچ سائەت ئىچىدە تولۇقلاپ ئىچىشكە بولىدۇ، ئۈچ سائەتتىن كېيىن تولۇقلاپ ئىچمەي، كېيىنكى قېتىمدا ۋاقتىدا ئىچىش كېرەك. مىكروبقا قارشىلىق كۆرسىتىش تىپىدىكى دورىلارنى ۋاقتىدا ئىچمىگەندە، مىكروبلارنىڭ دورىغا قارشى كۈچى زورىيدۇ. شۇڭا بۇخىل دورىلارنى كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا ئىچىش لازىم. لېكىن، دورىنى تولۇقلاپ ئىچىش ۋاقتى كېيىنكى دورا ئىچىش ۋاقتى بىلەن بەك يېقىن بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

مەنبە: تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى جەۋھەرلىرى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى (ISBN 7 - 5373 - 0496 - 3/Z . 56)

 

 
 

 باش بەتكە قايتىش

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

Tel:  (0998) 7282896       http://www.UighurTibbi.com 

E-Mail:   ehospital@163.com               QQ: 87156773