|
|||||||||||||
|
|
|||||||||||||
|
|
|||||||||||||
|
|
|||||||||||||
|
|
|||||||||||||
|
|
قەشقەر ۋىلايەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن «ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەنى قوغداش» بويىچە نەق مەيدان يىغىنى ئىچىلدى
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى: دوختۇرخانىمىزدا 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن «ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەنى قوغداش» بويىچە نەخ مەيدان يىغىنى ئىچىلدى. بۇ نەخ مەيدان يىغىنىغا ۋىلايەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىھرىنسا خانىم باشچىلىقىدا قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى 12ناھىيىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشما خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلىرى تولۇق قاتناشقان بولۇپ، بۇ نەق مەيدان يىغىنى ناھايىتى ياخشى كەيپىياتتا جۇشقۇن ئىلپ بىرىلدى. نەخ مەيدان پائالىيتى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن قاغىلىق ناھيىلىك پارتكوم يىغىن زالىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇلدى. ناھىيە ھاكىمى ئىسمايىل ئابدۇسىلىم بۇ قىتىمقى پائالىيەتنىڭ ۋىلايەت بويىچە ناھىيمىزدە ئىلىپ بىرىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە باشقا ناھىيدىن كەلگەن رەھبەرلەرنىڭ ناھىيمىزنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشما نەخ مەيدان پائالىيتى ئارقىلىق خىزمىتىمىزدىكى يىتەرسىزلىكنى يىقىندىن ياردەمدە بولۇپ تۈزىتىشىگە ياردەم قىلىشنى ئۈمد قىلدى. ھەرقايسى ناھىيە ۋەكىللىرى ناھىيمىز باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى كو رەئىس، مامۇت مۇئاۋىن رەئىس يىتەكچىلىكىدە دوختۇرخانىمىزدا «ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەنى قوغداش» بويىچە نەخ مەيداندا ئىشلىگەن خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. دوختۇرخانىمىزنىڭ ياچايكا شۈجىسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى يولداش ۋاڭ لى دوختۇرخانىمىزنىڭ خىزمىتىدىن قىسقىچە دوكلات بىرىپ ئۆتتى، ئاخىرىدا ۋەكىللەر دوختۇرخانىمىزنىڭ ئەمىلىي خىزمەت شارائىتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى مىھرىنسا خانىم باشچىلىقىدىكى بارلىق ۋەكىللەر ناھيىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا، ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا يۇقىرى باھا بەردى.
|
||||||||||||
|
___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. ___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.
Tel: (0998) 7282896 http://www.UyghurTibbi.com |
|||||||||||||