قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ 2007-يىللىق "دوختۇرخانا باشقۇرۇش يىلى پائالىيتى"نى تەكشۈرۈش خۇلاسىسى ئىلان قىلىندى.

 

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ 2007-يىللىق "دوختۇرخانا باشقۇرۇش يىلى پائالىيتى"نى تەكشۈرۈش خۇلاسىسى ئىلان قىلىندى. (قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى [2008]13-نومۇرلۇق ھۆججەت).

ۋىلايىتىمىزدىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇشنى ئىلىمىيلاشتۇرۇش، قىلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2007-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە "دوختۇرخانا باشقۇرۇش يىلى" پائالىيتىنىڭ روھىنى ئومومىيۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنى ئاساس قىلغان، قىسمەن ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، سەھىيە مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەتلىك جۇڭيى تىبابەتچىلىك- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ "كېسەللەرنى مەركەز قىلىپ، داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش" ئاساسى تىيما قىلىنغان "دوختۇرخانا باشقۇرۇش يىلى" پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش توغىرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى مىللى تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىنى باشقۇرۇشنى باھالاش كۆرسەتكۈچ سېستىمىسى»غا ئاساسەن، 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە ۋىلايىتىمىزنىڭ مەكىت، يوپۇرغا، مارالبىشى، قاغىلىق، پوسكام، يىڭىسار، پەيزىۋات قاتارلىق يەتتە ناھىيىدىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىغا قارىتا دوختۇرخانا باشقۇرۇش يىلىدىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىلىپ بىرىلدى.

 

قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى [2008]13-نومۇرلۇق ھۆججەتتىكى باھالاش نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:

قەشقەر ۋىلايىتى ھەرقايسى ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىنى باھالاش نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىۋى

رەت دوختۇرخانا نامى ئۈنۋىرسالنى باشقۇرۇش داۋالاش سۈپىتى پەرۋىش تىببى تىخنىكا دوختۇرخانا يۇقۇملىنىشنى باشقۇرۇش مالىيە، باھا باشقۇرۇش تىببى ئىستىل دورا ئىشلىرى ئومومىي نەتىجە
1 قاغىلىق ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 113 263 78 78 25 37 72 82 748
2 مارالبىشى ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 72 232 77 71 31 43 75 81 682
3 يوپۇغا ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 96 191 66 66 23 38 65 65 610
4 پەيزىۋات ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 69 179 66 49 20 34 59 54 530
5 پوسكام ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 78 173 43 58 15 17 52 37 473
6 يىڭىسار ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 54 174 44 34 25 28 53 38 450
7 مەكىت ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 61 126 51 46 26 32 54 34 430

 

 

 

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

http://www.UyghurTibbi.com    E-Mail:ehospital@163.com