|
|||||||||||||
|
|
|||||||||||||
|
|
|||||||||||||
|
|
|||||||||||||
|
|
|||||||||||||
|
|
دوختۇرخانىمىز 2007-يىللىق خىزمەت خۇلاسە چوڭ يىغىنى ئىچىلدى
ئالدىنقى يىللىق دوختۇرخانا خىزمىتى بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ، بۇ ئالدىراشلىق ھالىتى يىڭى يىلدىمۇ باشلىنىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن 2007-يىللىق خىزمەت خۇلاسە چوڭ يىغىنى كەينىگە سۈرۈلۈپ 2008-يىلى 5-مارت كۈنى دوختۇرخانىمىز چوڭ يىغىن زالىدا غەلبىلىك ھالدا ئىچىلدى. يىغىندا ئەڭ ئاۋۋال دوختۇرخانا باشلىقى دولقۇنجان زۇنۇن 2007-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2008-يىللىق قىسىقىچە پىلان تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتى. خىزمەت خۇلاسە يىغىنىغا قاغىلىق ناھيىلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئەسقەر ئاۋۇت، قاغىلىق ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن ھاكىمى فۇ ۋىن، ناھيىلىك سەھىيە ئىدارىسى باشلىقى پىڭ شۆگەن، ناھيلىك سەھىيە سىستىما پارتكوم شۈجىسى ھىزىبىللا ھىببىللا قاتارلىق رەھبەرلەر قاتنىشىپ، يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا دوختۇرخانىمىز تەرەققىياتى، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىنغا دوختۇرخانىمىز مۇئاۋىن باشلىقى ئالىمجان كىرىمىللا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا، 2007-يىللىق ئىلغار بۆلۈم ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر تەقدىرلەندى. مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى: ئىلغار بۆلۈم: ئاياللار بۆلۈمى؛ دورا ياساش بۆلۈمى. ئىلغار دوختۇرخانا رەھبەرلىرى: ئالىمجان كىرىمىللا. مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى: ۋاڭ لى، ئىسلام روزى. ئىلغار بۆلۈم مەسئۇللىرى: ئابدۇۋاھىت نۇرئەخمەت، تاجىگۇل مەمتىمىن، مەمەتجان بەختىيار، رۇشەنگۇل تۇرسۇن. ئابدۇراخمان ئۆمەر. ئاسىمگۇل مەمەت، تۇرسۇنگۇل ئىدرىس؛ مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى: بۇئايشەم ئابدۇراخمان. ئىلغار خىزمەتچىلەر: ئىچكى 1-بۆلۈمدىن: ئىزىزىگۇل، بۇخەلچەم ئەمەت. ئىچكى 2-بۆلۈمدىن: نۇرىمانگۇل ئىلى، رەيھانگۇل مەمەت. تاشقى بۆلۈمدى: مىنەۋەر مەخمۇت. ئاياللار بۆلۈمدىن: سائادەت سەمەت. دورا ياساش بۆلۈمدىن: تۇرسۇنگۇل ئابلەت. دورىخانىدىن: گۈلشەن ئىسلام. مالىيە بۆلۈمدىن: پاشاگۇل ئوبۇل. مەمۇرىيەتتىن: داۋۇت مەخمۇت. قوشۇمچە بۆلۈملەردىن: قۇندۇز.
دوختۇرخانا
خادىملىرىنىڭ سالاھيەت ھازىرلاپ ئىشقا چىقىش سالمىقىنى يۇقىرى
كۆتۈرۈش، كەسپى سالاھىيتى يوق خادىملارنىڭ سالاھىيەتكە ئىرىشش
ئاكتىپ چانلىغىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل كەسپى ۋاراچلىق
سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئىرىشكەن ئىزىزىگۇل ئابلىمىت، مەمەتجان
بەختىيار، رۇشەنگۇل تۇرسۇن، ئابدۇراخمان ئۆمەر، تۇخان
ئابدۇرازاق قاتارلىق 5نەپەر خادىمغا، دوختۇرخانا ئايرىم-
ئايرىم ھالدا مۇۋاپىق مىقداردا مۇكاپات بىرىلدى. خىزمەت خۇلاسە يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر:
ئۇيغۇر تىببى تورى http://www.UyghurTibbi.com |
||||||||||||
|
___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. ___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.
Tel: (0998) 7282896 http://www.UyghurTibbi.com E-Mail: ehospital@163.com QQ: 87156773 |
|||||||||||||