مىزاج تەڭشەش باسقۇچىدىكى كىلىنكىلىق پەرۋىشنىڭ ئەھمىيتى

 

ئاپتۇرى: رۇشەنگۇل تۇرسۇن

قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدىن

2001-4

 

ماددىلىق مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋلاشتا مۇنزىج ۋە مۇسھىل ئارقىلىق مىزاج تەڭشەش ئىلىپ بىرىلىدۇ. مىزاج تەڭشەش باسقۇچىدا پەرۋىش خىزمىتىنى ياخشى ئىلىپ بارغاندا ئۈنۈملۈك داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى مىزاج تەڭشەش باسقۇچىدا بىماردا ھەرخىل يەرلىك ئورۇنلۇق ۋە پۈتۈن بەدەنلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىش، خاتىرلەش ۋە مۇناسىپ پەرۋىش تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئىنتايىن مۇھىم.

نورمال ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجىدىكى بەدەن بەلگىلىرى بولىدۇ. بۇ بەلگىلەر كۆز ئېقى، ئېغىز تەمى، تىلدىكى گەز، تومۇر ھەركىتى، سۈيدۈك رەڭگى، خۇلقى، رەھىي ھالىتى، تېرە ئېلاستىنكىلىقى، تېرە رەڭگى، ئۇيقۇسى قاتارلىق تەرەپلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ماددىلىق كېسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا بولغاندا يۇقىردا ئىيتىپ ئۆتكەن بەدەن بەلگىلىرىدە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىغا مايىللىق بەدەن ئۆزگىرىشلىرى كېلىپ چىقىدۇ. داۋالاشتا كېسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن مۇنزىج ۋە مۇسھىل بېرىلىپ مىزاج تەڭشىلىدۇ. مىزاج تەڭشەش جەريانىدا مىزاج ئۆزگىرىشىگە مۇناسىپ ھالدىكى كىلىنكىلىق پەرۋىش تارىخى، كۈندىلىك دەسلەپكى باسقۇچتىكى كېسەللىك خىلىتىغا مۇناسىۋەتلىك بەدەن بەلگىلىرى، مۇنزىج ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ماددا پىشقانلىقىغا بىشارەت بېرىدىغان بەدەن بەلگىلىرى، مۇسھىل بەرگەندىن كېيىنكى نورمالسىز خىلىتلارنىڭ بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىلغانلىق بەلگىلىرى قاتارلىقلارنى تولۇق خاتىرلەش كېرەك. گەرچە يازما ماتىرىياللاردا نورمالسىز خىلىتلارنىڭ پىشىش ۋە سۈرۈپ چىقىرىلىش ۋاقتى بېرىلگەن بولىسمۇ، لېكىن ئۇ نىسپىيلىققا ئىگە بولۇپ، كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىنىڭ مىقدارى ۋە پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئېغىر- يىنىكلىكىگە ئاساسەن كونكرېت بېكىتىلىدۇ. پەرۋىش جەريانىدا بۇ نوقتىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىپ، كېسەللىك ماددىسىنىڭ پىشقان- پىشمىغانلىقى ۋە ماددىنىڭ تولۇق سۈرۈپ چىقىرىلغان- چىقىرىلمىغانلىقىنى تولۇق خاتىرلەش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنزىج، مۇسھىل ئىشلىتىش جەريانىدىكى بىمارنىڭ كۈندىلىك بەدەن ئۆزگىرىشلىرىنىمۇ خاتىرلەش كېرەك. بۇ جەرياندىكى ئىلمىي خاتىرلەش بىر تەرەپتىن كېسەللىكنىڭ ھەربىر ئۆزگىرىشىدىن دوختۇرنى خەۋەردار قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىيىنكى باسقۇچلۇق داۋالاش لايھىسىنى تۈزۈشكە ئاساس سالىدۇ.

پەرۋىش خاتىرىسىدە مىزاجغا مۇناسىۋەتلىك بەدەن بەلگىلىرى تۆۋەندىكى نوقتىلاردىن خاتىرىلىنىدۇ. مەسىلەن، نورمال بولغان ھەرخىل مىزاجدا ئۆزىگە خاس تومۇر سوقۇش تېزلىكى، توم- ئىنچىكلىكى، ئۇزۇن- قىسقىلىقى بولىدۇ. مىزاج بۇزۇلغاندا بۇ تەرتىپ بۇزۇلىدۇ. كېسەللىك ماددىسى پىشقاندىن كېيىن بۇ خىل تەرتىپ نورماللىشىدۇ. تىل گېزىدە بولسا ھەرخىل گەز باغلاش ئالامەتلىرى يوقىلىدۇ. ئېغىز قۇرۇش، ئاچچىق بولۇش نورماللىشىدۇ. سۈيدۈك رەڭگى نورماللىشىدۇ ۋە مىقدارى كۆپىيدۇ. تېرىلەر سىلىقلىنىدۇ، پارقىرايدۇ ۋە ئەۋرىشىملىكى ئەسلىگە كېلىدۇ. تېرە رەڭگىدىكى غەيرىلىك يوقىلىدۇ. ئۇيقۇسى نورماللىشىپ، رەڭگى روھى ئەسلىگە كىلىدۇ قاتارلىقلار. لېكىن ماددا پىشقاندا يۇقۇردىكى بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلۈشى ناتايىن. ئۇلاردىن بىر قانچىسى ياكى ئاساسلىق بەلگىلەر نورماللاشسا ماددىنىڭ پىشقانلىقىنى تەھقىقلەشكە بولىدۇ.

مىزاج تەڭشەش باسقۇچىدا پەرۋىش قىلىش پەقەت كۈزىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە بىمارنىڭ مىزاج تەڭشەش باسقۇچىدىكى يېمەك- ئىچمىكى، تۇرمۇش ئادىتى، ھەرىكەت مىقدارى، روھى جەھەتتىن كۈتۈش قاتارلىقلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. پەرۋىشنىڭ ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىنىشى، بىمارلار مىزاجىنىڭ تەڭشىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان بولغاچقا، ئەتراپلىق خاتىرلەش، تەرتىپلىك، قائىدىلىك كۈتۈش ۋە پەرۋىش قىلىش، كېسەللىك داۋالاش تەتقىقاتىنى بىرىنچى قول كلىنكىلىق ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەپ، مىزاج تەڭشەشنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى پەرۋىش مەشغۇلات قائىدىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قىلىپلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

 

ئەسكەرتىش: ماقالىنى ياكى ئابزاس بۆلەكلىرىنى "ئۇيغۇر تىببى تورى"دىن ياكى ئاپتۇردىن بىسوراق ئىشلەتمەڭ، ياكى تور بىتىمىز نامىنى ئەسكەرتىپ ئىلىڭ.

 
 

 باش بەتكە قايتىش

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

Tel:  (0998) 7282896       http://www.UighurTibbi.com 

E-Mail:   ehospital@163.com              QQ: 87156773