دورىلارنى ئىلمى باشقۇرۇش ۋە ئۇنـىــڭ دورىلىق ئۈنۈمىگە بولغان ساقلاش پىرىنسىپى توغىرىسىدا

 

ئاپتۇرلىرى: ئىسلام روزى

ئايمەت غايۇپ

قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدىن

2000-4

 

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان دورا ماتىرىياللىرنىڭ كىلىش مەنبئى ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە مەدەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، كۆپ قوللىنىلىدىغان دورا ماتىرىياللىرى 600خىلدىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە بۇنداق كۆپ دورىلارغا قارىتا يىغىۋىلىش، ساقلاش جەھەتلەردە تىخى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بولماسلىقى تۈپەيلىدىن دورىلارنىڭ تۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كىتىش، چاڭ توزاندىن بۇلغىنىش، ھەرخىل زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراش ھەمدە ساقلاش شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن پاختىلىشىپ بۇزۇلۇش، چىرىپ كىتىش، قۇرۇتلاش، پارغا ئايلىنىپ كىتىشتەك سەۋەبلەر بىلەن دورىلارنىڭ دورىلىق ئۈنۈمى تۆۋەنلەش، بىر تۇتاش سىتىۋىلىش پىلاننىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن دورا ماتىرىياللار ئۆكسۈپ قىلىش، بەزىدە پىلاندىن ئارتۇق سىتىۋىلىپ، بىسىلىپ قىلىپ يۇقارقىدەك ئىقتىسادى زىياننى كۆزدە تۇتۇپ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن دورىلارنى ئىشلىتىشتەك ئەھۋاللار خىلى ئىغىر دەرىجىلىك ساقلانماقتا.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، دورىلارنىڭ ئۇنۈملىك تەركىپ بىلەن ئۈنۈمسىز تەركىپ ۋە ئورگانىك تەركىپ بىلەن ئانئورگانىك تەركىپلەرنىڭ بەلگىلىك نىسپەتتە ساقلىنىشى دورىلارنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيتى بىلەن دورىلىق ئۈنۈمىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا دورىلارنى ئىلمى ھالدا ساقلىمىغاندا يۇقىردىكى تەركىپلەرنىڭ بەزىلىرى ئىسىقتىن ياكى سوغۇقتىن، بەزىلىرى يورۇغلۇقتىن بەزىلىرى زىيادە قورغاق ياكى نەملىكتىن، بەزىلىرى بىسىلىپ قىلىشتىن ياكى بۇلغانغان ھاۋادىن بۇزۇلۇپ دورا تەركىپلىرى پارچىلىنىپ بەزى ئۇچۇچان تەركىپلەر پارغا ئايلىنىپ دورىلىق خۇسۇسىيتى بىلەن داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.

ھەتتا بىرقىسىم دورىلار زەھەرلىك نەرسىلەرگە ئايلىنىدۇ، بەزى دورىلار دورىلىق ئۈنۈمىنى يوقۇتۇپ كىرەكسىز ئوت چۆپكە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن: دورا ساقلىنىدىغان مۇھىت قۇرغاق ياكى ئىسسىق بولسا دورىلار تەركىۋىدىكى سۇ ۋە ئۇچۇچان مايلار ئازىيىپ، دورىلىق ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ. رەڭگى ئۆڭۈپ، چۈرۈكلىشىپ بۇزۇلىدۇ. ئەگەر دورا ساقلىنىدىغان مۇھىت نەم ۋە ئىسسىق بولسا دورىلىق تەركىۋىدىكى سۇ مىقدارى كۆپىيىش بىلەن بىللە تەركىۋىدىكى كىراخمال ئاقسىل ۋە مايلار پارچىلىنىپ كىسلاتلىق زەھەرلىك ماددىلارغا ئۆزگىرىپ، ئىچىتقۇ مىكرۇپ بىلەن زەمبۇرۇغ ۋە ھەرخىل قۇرۇت قوڭغۇزلارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت-شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ. تەركىۋىدە مىنرال تۇز كۆپرەك دورىلار مۇھىتتىكى نەملىكنى ئۆزىگە سۈمۈرىشتىن دورا تەركىۋىدىكى سۇ كۆپىيىپ ھەرخىل خىمىيىلىك رىئاكسىيە يۈز بىرىپ، دورىلارنىڭ خۇسۇسىيتى بىلەن دورىلىق ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ.

تەركىۋىدە نەملىك كۆپرەك دورىلار بىلەن نەملىگى ئاز دورىلار بىر يەرگە قويۇلسا ياكى پۇراقلىق ئۇچۇچان ماي ماددىسى كۆپرەك دورىلار بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇلسا، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق دورىلارنىڭ پۇرىقى ئاجىزلىشىپ كىتىدۇ. لىكىن بۇخىلدىكى دورىلار ئۆزئارا چەكلەش رولىنى ئوينغانلىقىدىن ئاسانلىقچە قۇرت چۈشمەيدۇ.

گۈل دورىلار ئىسسىق قۇرۇق ياكى نەملىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ئاسان بۇزۇلىدۇ.

ھايۋاناتلاردىن ئىلىنغان دورىلار ئىسسىق، قۇرغاق، سوغۇق، ياكى نەملىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

ئۇچار چاشقان مايىقى، كات ھىندى، ھىڭ يىلىمى، تاباشىر، سالاجىت، سەبرى قاتارلىق دورىلار نەم ۋە ئىسسقتىن ئۆزئارا چاپلىشىپ كاللەكلىشىۋالىدۇ.

يۇقىردىكى مىسالدىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، دورىلارنى ئىلمى ئۇسۇلدا ساقلاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلمىغاندا دورىلارنىڭ دورىلىق ئۈنۈمىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، دورىلارنى ئىلمى ئۇسۇلدا ساقلاپ، دورىلارنىڭ دورىلىق ئۈنۈمىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

1) پىلانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دورىلارنى پىلانلىق سىتىۋىلىش، پىلانلىق ئىشلىتىش، بىسىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش زۆرۈر بۇنىڭدا شۇ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىللىق دورا سەرپىياتىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى بىلەن ئامباردىكى قالدۇقىغا ئاساسەن كىلەر يىللىق پىلاننى تۈزۈپ چىقىش كىرەك.

كىلەر يىللىق پىلاننى تۈزگەندە، ئىھتىيات ئۈچۈن دورىلارنى ئالدىنقى يىللىق دورا چىقىمىدىن %10 دىن %15غىچە پىلان تۈزەشنى ئويلىشىش ھەمدە بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ئامباردىكى قالدۇق دورىلارنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن بۇزۇلغان دورىلارنى ئامباردىن چىقىرۋىتىش كىرەك.

2) رايۇنىمىزدىن چىقىدىغان دورا ماتىرىياللارنى يىغىش، سىتىۋىلىشنى ۋاقتىدا ئىلىپ بىرىش، دورىلارنىڭ يىڭىلىقىغا، پاكىزلىقىغا، سۈپەت ئۆلچىمىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، لاياقەتسىز، سۈپەتسىز دورىلارنى ئامبارغا كىرگۈزمەسلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كىرەك.

3) دورا ماتىرىياللارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپ، بۇزۇلۇشتىن ساقلىنىش ۋە ئىزدەپ تىپىشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، دورىلارنى ئايرىم تۆمۈر ساندۇققا سىلىپ، ئىدىش ياكى ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان خالتا تاغارلارغا قاچىلاپ ئىسمى ۋە سىتىۋالغان ۋاقتىنى ئەسكەرتىپ چاپلاش قەرەللىك تەكشۈرۈپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن بۇزۇلغان دورىلارنى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ دورا قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، ئامباردىن چىقىرۋىتىش كىرەك.

4) دورا ساقلىنىدىغان ئامبارلار قۇرۇق، سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولىشى، دورا قويىدىغان ئىدىش، ئىشكاپ، ساندۇق، خالتا، تاغار قاتارلىق قاچىلار يەر يۈزىدىن 20~30سانتىمىتىر ئىگىزلىكدە تۇرۇش، كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشمەسلىگى زىيانداش ھاشارەتلەردىن خالى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

5) دورىلارنى چىقىم قىلىشتا دورىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالدۇر كىرگۈزۈلگەن دورىلار بالدۇر، كىيىن كىرگۈزۈلگەن دورىلار كىيىن چىقىم قىلىش پىرىنسىپىنى ئىگەللەش كىرەك.

6) زەپەر، ئىپار، ئەنبەر، قۇندۇزقەھرى قاتارلىق قىممەت باھالىق دورىلار سەنگىيا، سىمان، كۇچۇلا، بوۋانە، ئاق پارپا، ھەببىل مىلىك، زىراۋەندى مودەھرەج، ئىت ياڭىقى، بەزۇرۇل بەنجى ۋە چالاپا قاتارلىق زەھەرلىك دورىلار ھەمدە ئاسان قۇرۇتلايدىغان ئىلان، يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى، چارپاقا، ھەرخىل مىغىز قاتارلىق دورىلار ئايرىم ئامباردا ئايرىم قۇتا ئىدىشلارغا قاچىلاپ ساقلاش كىرەك.

ئاسان ئوت ئالىدىغان گۇڭگۇرت، كامىپورا دىۋىرقاي، كۆپكى دەريا قاتارلىق دورىلارنى توك بىلەن ئوتتىن يىراق، سالقىن جايدا ساقلاش لازىم. ھەمدە ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، سايمان جاھازلىرى ھازىرلانغان بولۇشى لازىم.

7) دورا ئامبارلىرىغا تىبابەت، يەككە دورىلارنى تولۇق تونىيالايدىغان پىشقان كەسپى خادىم قويۇش بىلەن بىرگە خام پىششىق دورىلارنىڭ كىرىم چىقىمىغا تەپسىلي دەپتەر تۇرغۇزۇپ، ئايدا 2نۆۋەت باش بوغالتىر بىلەن ئامبارچى ئوتتۇرىسدىكى كىرىم چىقىم تەپسىلىي سان قالدۇقىنى سىلىشتۇرۇپ ئاز قالغان دورىلارنى تولۇقلاپ سىتىۋىلىش، بىسىلىپ قالغان دورىلارنى ۋاقتىدا ئىشلىتىپ ئامباردىن چىقىرىش پىلانلىرىنى تۈزۈپ، دورا ماتىرىياللارنى ساقلاشتا دورىلاردا ئەسلىدە بولىدىغان شەكىل، رەڭ، پۇراق، تەم قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش شەرتىنى ھازىرلاش كىرەك.

يۇقىردىكى توقتىلارغا ئەھمىيەت بىرىپ ئۇنى ھەقىقى ئەمىللەشتۈرگەندىلا ئۇيغۇر تىبابەت دورا ماتىرىيالللىرىنى ئىلمى باشقۇرۇپ، ئۇنىڭ دورىلىق ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقتىسىگە يەتكىلى ۋە بۇ ئارقىلىق داۋالاش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 

ئەسكەرتىش: ماقالىنى ياكى ئابزاس بۆلەكلىرىنى "ئۇيغۇر تىببى تورى"دىن ياكى ئاپتۇردىن بىسوراق ئىشلەتمەڭ، ياكى تور بىتىمىز نامىنى ئەسكەرتىپ ئىلىڭ.

 
 

 باش بەتكە قايتىش

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

Tel:  (0998) 7282896       http://www.UighurTibbi.com 

E-Mail:   ehospital@163.com              QQ: 87156773