|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك پەرۋىش خىزمىتى تەرەققىياتى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
ئاپتۇرى: رۇشەنگۇل تۇرسۇن قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدىن 2000-4
پەرۋىش – كىلىنكىلىق داۋالاشنىڭ مۇھىم تەركىبى. پەرۋىشنىڭ ياخشى يامان بولۇشى داۋالاش سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. «داۋالاش ئۈچ ئۈلۈش، پەرۋىش يەتتە ئۈلۈش» - كىسەللىك داۋالاشتىكى پەرۋىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك يازما ئەسەرلەردە پەرۋىش ئىلمى مەخسۇس پەن سۈپىتىدە خاتىرلەنمىگەن بولسىمۇ ئەمما، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزەرىيە ئاساسىدا ئايرىم مەزمۇن ھالىتىدە داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن بىرلىكتە بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك پەرۋىشى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پەرۋىشى ۋە كېسەللىكنى داۋالاش پەرۋىشىدىن ئىبارەت 2چوڭ مەزمۇنغا ئايرىلىدۇ. كونكرىت ئۇسۇللىرى روھىي جەھەتتىكى پەرۋىش چارىلىرى ۋە تەبىئىي ئۇسۇلدىكى پەرۋىش چارىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىمارنىڭ مىجەزىگە قارىتا كۈتۈش، كېسەللىكنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن دەم ئالدۇرۇش، ھاۋالاندۇرۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرگە بۇيرۇش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، سوغۇق ئۆتكۈزۈش، كۈن نۇرىغا قاقلاش، ئارىشاڭ سۇلىرىدا يۇيۇش، ئۇۋىلاش، ئوزۇقلۇقلاردىن تەرتىپكە سىلىش، پەرھىز بۇيرۇش قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ خىل چارە ۋە ئۇسۇللار ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزەرىيە ئاساسلىرىدا 6زۆرۈرىيەت مەزمۇنىدا سۆزلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ پەرۋىش نۇقتىلىرى ھازىرقى زامان پەرۋىش ئىلمىدىكى مەزمۇنلار ۋە مەشغۇلاتلار بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى زور دەرىجىدىكى بازار رىقابىتىگە دۇچ كىېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققى قىلىشى تىببى خادىملىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق. مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىمىزنى كەسپىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىز، داۋالاش، دورىگەرلىك، پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن بىرگە داۋالاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان پەرۋىش خىزمىتى تەرەققى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى پەرۋىش مەشغۇلاتلىرىدىن لوڭقا قويۇش، دورا قايناتمىلىرىدا يۇيۇش، ھورداش، دورا ئالماشتۇرۇش، تېڭىق ئالماشتۇرۇش، ھەمەلچە قىلىش، مايلاش، ھۆل تېڭىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى پىششىق ئىگىلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئەمىلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشىمىز ۋە شۇ خاسلىققا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان پەرۋىش ئىلمىدىكى ئەمىلىي قوللىنىلىدىغان 20خىل مەشغۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئىلىپ بىرىشىمىز كىرەك. بىمارلارنى كۈتۈش، دورا بېرىش، تاماق بۇيرۇش، پەرھىز بۇيرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشلىتىلىۋاتقان دورا ۋە يىمەكلىكلەرنىڭ بىمارنىڭ مىزاجىغا ماس كېلىش ئەھۋالىنى ياخشى ئىگىلەش، بۇ ئارقىلىق ھازىرقى زامان پەرۋىش ئىلمىدىكى كەم ھالقىلارنى تولۇقلاپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك پەرۋىش ئىلىمىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. جەمىئەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىمارلار داۋالىنىش شارائىتى ياخشى، مۇئامىلىسى ئەلا، پەرۋىشى ئەتراپلىق بولغان دوختۇرخانىلارنى تاللاپ داۋالىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل شارائىتتا پەرۋىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىمىگەندە داۋالىنىش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولمايلا قالماستىن، بىمارلارنىڭ ئىشەنچىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قىلىش كىلىپ چىقىدۇ. دوختۇرخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا نوقۇل ھالدا دورا كىرىمىگە تايىنىۋىلىشتىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ چىقىپ، رەھىي پەرۋىش ۋە ئەمىلىي مەشغۇلاتلىق پەرۋىشلەرنى ياخشى ئىلىپ بىرىپ، كېسەللىكنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، نۆۋەتتە جىددى ئىلىپ بىرىشقا تىگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرسى. ئەگەر بىز ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك پەرۋىشىنىڭ خاسلىقىنى ساقلىغان ئاساستا ئۇنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرىدىغانلا بولساق، كېسەللىك داۋالاشتا يۇقۇرى ئۈنۈم قازىنىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىز بىلەن رىقابەتتە پۇت تېرەپ تۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
ئەسكەرتىش: ماقالىنى ياكى ئابزاس بۆلەكلىرىنى "ئۇيغۇر تىببى تورى"دىن ياكى ئاپتۇردىن بىسوراق ئىشلەتمەڭ، ياكى تور بىتىمىز نامىنى ئەسكەرتىپ ئىلىڭ. |
|||||||||||
|
___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. ___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. |
|||||||||||
|
Tel: (0998) 7282896 http://www.UighurTibbi.com E-Mail: ehospital@163.com QQ: 87156773 |
|||||||||||