سۇپۇپى ئەھمەرنىڭ كىلىنكىدا ئىشلىتىلىشى

 

ئاپتۇرى: ئابدۇۋاھىت نۇرئەھمەت (مەسئۇل ۋاراچ)

قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدىن

 

سۇپۇپى ئەھمەر دوختۇرخانىمىزنىڭ مەشھۇر تېۋىپلىرى كۆپ يىللىق تەجىربىسىگە ئاساسەن ئىجاد قىلغان ئۈنۈملۈك ياسالما.

 

سۇپۇپى ئەھمەرنىڭ تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: قىزىلگۈل، ئانار گۈلى ھەربىرىدىن 20گرام؛ كۆيدۈرۈلگەن زەمچە، ئانار پوستى، تاباشىر، تەنكار ھەربىرىدىن 5گرام؛ موزا، كۆپكى دەريا، كات ھىندى، زەرچۇبە، ئامىلە، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، بىخ مارجان، ئايلىشى ھەربىرىدىن 2گرام. قائىدە بويىچە سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلىنىدۇ.

 

تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: قورۇتۇش، قۇرۇش، قان توختۇتۇش، ئىششىق تارقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، قان تازىلاش، زەخمە پۈتتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردە ياللۇغى، شىللىق پەردە ئاق دېغى، چىش مىلىكى ياللۇغى، شىللىق پەردە ئاق دېغى، چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلتىلىدۇ.

 

1. يۇقۇردىكى كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا سۇپۇپى ئەھمەردىن 1~2گرامنى قايناق سۇدا ئىرىتىپ ئېغىزنى چايقىسا ياكى ئېغىز ئىچى شىللىق پەردىلەرگە، چىش مىلىكىگە سىپىپ بەرسە قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، زەخمە پۈتتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. چىش ئاغرىش، ئېغىز پۇراش، ئېغىزدىن داۋاملىق شۆلگەي ئېقىش، تىل ئېغىرلىق قاتارلىقلارغىمۇ يۇقىرقى ئۇسۇل بويىچە ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

2. بۇرۇن قاناش كۆرۈلگەندە دورىدىن 1.5گرام ئىلىپ، پاختىغا مىلەپ، بۇرۇن ئىچىگە سېلىپ بەرسە قاناشنى دەرھال توختىتىدۇ.

3. بوۋاسىردا مەلۇم مىقداردىكى دورىنى سۇدا قاينىتىپ مەقئەت يۇيۇلسا ياكى دورا سۈيىدە ۋاننا قىلسا ياكى مەقئەتكە سېپىپ بەرسە قاناشنى توختىتىدۇ.

4. بالىلاردىكى مەقئەت چىقىۋىلىشتا دورىنى قاينىتىپ سۈيىدە ئولتۇرغۇزۇش ياكى چىقىۋالغان تۈز ئۈچەينى قول بىلەن ئىچىگە بېسىپ كىرگۈزۈۋىتىپ، گۈل مېيى بىلەن مايلىغاندىن كېيىن سۇپۇپى ئەھمەردىن مەلۇم مىقداردا ئىلىپ مەقئەت ئەتراپىغا سېپىپ، داكىدا تېڭىپ بەرسە سوڭى چىقىشقا شىپا بېرىدۇ.

5. تېرىدىكى ھەرخىل سەۋەبلىك يىرىڭلىق جاراھەت، شەلۋەرەشلەرگە سىرىتتىن سېپىپ بەرسە جاراھەت پۈتتۈرۈش، قۇرۇتۇش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەسىرىنى بېرىدۇ.
 

ئەسكەرتىش: ماقالىنى ياكى ئابزاس بۆلەكلىرىنى "ئۇيغۇر تىببى تورى"دىن ياكى ئاپتۇردىن بىسوراق ئىشلەتمەڭ، ياكى تور بىتىمىز نامىنى ئەسكەرتىپ ئىلىڭ.

 
 

 باش بەتكە قايتىش

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

Tel:  (0998) 7282896       http://www.UighurTibbi.com 

E-Mail:   ehospital@163.com              QQ: 87156773