شەربىتى بيىخ فۇنبە ۋە ئۇنىڭ زىققىغا بولغان تەسىرى

 

ئاپتۇرى: ئابدۇۋاھىت نۇرئەھمەت (مەسئۇل ۋاراچ)

 

زىققا – بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى. تىبابەتچىلىكىمىزنىڭ زىققىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورىلىرى خېلى كۆپ. شىپاخانىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان پىشقەدەم تېۋىپ مەرھۇم مۇھەممەتئىېلى ئاخۇن خەلپىتىم مەزكۇر كېسەلىك ئۈستىدە بىر قەدەر چوڭقۇر ئىزدىنىپ دوختۇرخانىمىزغا زىققىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك رىتسىپى «شەربىتى بيخ فۇنبە»نى قالدۇرغان ئىدى. مەزكۇر ياسالمىنىڭ زىققا كېسىلىگە بولغان ئۈنۈمى خېلى تېز، كېسەللىكنىڭ شىپا تىپىشى كۆرىنەرلىك بولغان.

كانايچە زىققىسى – ئوفونەتلىك نەزلە سۇيۇقلۇقىنىڭ نەپەس يوللىرىغا چۈشىشىدىن، كاناي شىللىق پەردىلىرىدە قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق، ئاجرالمىلار كۆپىيىش قاتارلىقلار بولۇپ، كاناي بوشلىقىنىڭ تارىيىشدىن كىلىپ چىقىدىغان، كىلىنكىدا قايتا- قايتا قوزغلىشچان، خىرقىراش ئاۋازى بولغان نەپەس چىقىرىش خاراكتىرلىك نەپەس قىينلىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك بولۇپ، دەسلەپكى ئالامەتلىرى يۇتقۇنچاق قىسمى قىچىشىش، بۇرۇندىن سۇ كىلىش، چۈشكۈرۈش، يۆتىلىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. كىسەللىك تىز قوزغىلىپ، بىمارنىڭ كۆكسى چىڭقىلىپ، نەپەس يىتىشمەي ھاسىرايدۇ، يۆتىلىپ ئازراق بەلغەم چىققاندىن كىيىن سەل ئارام تاپقاندەك بولىدۇ.

كۈز ئەتىياز پەسىللىرىدە كىسەللىك قوزغىلىش نىسپىتى يۇقۇرى بولىدۇ. ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، ھاۋانىڭ ئۆزگۈرىشى، سوغۇق تىگىش، چاڭ- توزان ۋە گازلارنى سۈمۈرۈش بۇ كىسەلنى قوزغاتقۇچى ئاساسى ئامىل ھىساپلىنىدۇ.

داۋالاشتا كىسەللىك سەۋەبىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىلىدۇ. نەپەس سىقىلىش تۇتقاندا بىمارنى پاكىزە، ھاۋالىق جايدا دەم ئالدۇرۇپ، نەپەس يوللىرىنى كىڭەيتكۈچى، قويۇق بەلغەمنى چىقارغۇچى، كاناي شىللىق پەردىلىرىدىكى ياللۇغلىنىشنى قايتۇرغۇچى، ئۆپكە، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى چارىلار قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: شەربىتى زۇفا، شەربىتى خەشخاش، سۇپۇپى سۇئال، لوئوقى بادام، مەجۇنى ھۆرمىل، ھەببە غارىقۇن قاتارلىقلار. بۇ دورىلار دوختۇرخانىمىزدا نەپەس يوللىرى كىسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار بولۇپ، كىسەل سەۋەبىگە ۋە تىپىك كىلنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىلىپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن بولساقمۇ، كانايچە زىققىسىگە نىسپەتەن تەسىر قىلىش ئۈنۈمىنىڭ شەربىتى بىيخ فۇنبىگە يەتمەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

شىپاخانىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچى، ئۇيغۇر تىبابەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشقان، مەشھۇر تىۋىپ مەرھۇم مۇھەممەتئېلى ئاخۇن خەلپىتىم كانايچە زىققىسىگە «شەربىتى بىيخ فۇنبە» دىگەن نۇسخىنى تۈزۈپ، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن بىمارلار ئۈسىتدە كىلنىك كۈزىتىش ئىلىپ بىرىپ، ئۈنۈمى ياخشى بولغاندىن كىيىن، نۇسخىنى شىپاخانىمىزگە تەقدىم قىلغان.

دورىنىڭ تەكىبى: كىۋەز يىلتىزى پوستى 100گرام، شۇمشا 50گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 25گرام. دورىلاردىن قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىپ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 50mlدىن ئىچىشكە بىرىلىدۇ.

بۇ دورىنى كىلىنكىدا ئىشلەتكەندىن كىيىن، كانايچە زىققىسىنى داۋالاشتا باشقا ئەنئەنىۋى دورىلارغا نىسپەتەن ئۈنۈمى تىز بولۇپ، قوزغىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس يوللىرىنى كىڭەيتىش ئۈنۈمى ئالاھىدە بولۇپ، نەپەس سىقىلىش كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى. ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەنلەردە كىسەللىك ئىپادىلىرى تولۇق يوقۇلۇپ ساقىيىش نىسبىتى يۇقۇرى بولۇپ، دوختۇرخانىمىز دورا ياساش بۆلۈمىدە 30يىلدىن بىرى ياساپ، دائىملىق ئىشلىتىلىدىغان كەڭ بىمارلارنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان دورىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

يىقىندىن بىرى بىز پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، دورا ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ساقىيىش نىسپىتىنى ئاشۇرۇش مەخسىتىدە، دورا نۇسخىسىغا بىرقانچە قىتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تۆۋەندىكى دورا نۇسخىسىنى تۈزۈپ چىقتۇق:

يېڭىدىن تەييارلانغان شەربىتى بىيخ فۇنبىنىڭ تەركىبى: زۇفا، بىيخ سۇس، كىشمىش، شۇمشا، خەشخاش غوزىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 30گرام؛ گاۋزىبان، سەرىپىستانلارنىڭ ھەربىرىدىن 16گرام؛ ئاق لەيلى ئۇرۇغى 10گرام؛ چاكاندا، كىۋەز يىلتىزى پوستى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 50گرام. دورىلاردىن قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىپ كۈندە ئۈچ قىتىم، ھەرقېتىمدا 50mlدىن ئىچىشكە بىرىلىدۇ.

بۇ نۇسخىنىڭ زىققىغا بولغان شىپالىق ئۈنۈمى خېلى يۇقۇرى بولۇپ، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش تەسىرى ياخشى. ئۇنىڭدىن باشقا سوزۇلما كاناي ياللۇغى، زۇكام، نەزلە قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ ئۈنمۈى يۇقۇرى. كەسىپداشلارنىڭ سىناپ كۆرۈشىنى ۋە بۇ ھەقتە ئورتاق ئىزدىنىشىنى ئۈمد قىلىمىز.

 

ئەسكەرتىش: ماقالىنى ياكى ئابزاس بۆلەكلىرىنى "ئۇيغۇر تىببى تورى"دىن ياكى ئاپتۇردىن بىسوراق ئىشلەتمەڭ، ياكى تور بىتىمىز نامىنى ئەسكەرتىپ ئىلىڭ.

 
 

 باش بەتكە قايتىش

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

Tel:  (0998) 7282896       http://www.UighurTibbi.com 

E-Mail:   ehospital@163.com              QQ: 87156773