|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك- دورىگەرلىكىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە
ئاپتۇرى: ئابدۇۋاھىت نۇرئەھمەت (مەسئۇل ۋاراچ)
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى - ئەنئەنىۋى تىبابەت. ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان ئۇيغۇر مىللىتىگە ئورتاق بولغان مەدەنىيەت. ئۇ ئەجدادلاردىن مىراس قالغان ئەنئەنىلەر پايدىلىق قىممىتىنى يوقاتقان كونا نەرسە بولماستىن، بەلكى ئىلمىي ۋە ماددى ئاساسى بار، پايدىلىنىشقا، يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇرۇشقا بولىدىغان مەدەنىيەت. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئۆزىنىڭ 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا نەزىرىيە ئاساس، داۋالىنىش ۋە دورىگەرلىك جەھەتتە ئۆزىگە خاس بولغان بىر قاتار ئالاھىدىلىك ۋە ئۇسۇللارنى يارىتىپ، نۇرغۇنلىغان مەشھۇر تېببى ئالىم، مۇتەپەككۇر تىۋىپلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ ئىجاد قىلغان تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭلا ساقلىقىنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاش جەھەتتىنلا مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە، باشقا تىبابەتلەرگە بەلگىلىك تەسىر كۆرستىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ پۈتكۈل ساقلىقىنى ساقلاش خىزمەتلىرىگە، دۇنيا مەدەنىيتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. قەدىمقىلارنى تىلغا ئالساق ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدىنىيتىگە قوشقان تۆھپىسىنى يىزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. لىكىن بىز قەدىمقىلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن تەرەققى قىلدۇرمىساق، بېيىتمىساق كىيىنكى ئەۋلاتلارغا يۈز كىلەلمەيمىز، ئەلۋەتتە. نۆۋەتتىكى 21-ئەسىر بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ؟ بىز ھازىرقى زامان تىۋىپلىرى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئىتىراپ قىلىشقا ئىرىشكۈدەك بىرەر يىڭىلىق يارىتىپ يىڭى ئەسىرنى كۈتىۋالىمىزمۇ؟ ياكى ئەجدادلىرىمىز نەچچە ئەسىر ئىلگىرى پالانى كىتاپ يازغان، ئۇنداق كەشپىيات ياراتقان دەپ ئەجدادلارنىڭ ئەجىر تۆھپىسىنى ياستۇق قىلىپ قىرلاپ ياتىمىزمۇ؟ مانا بۇ دەۋىر بىزدىن كۈتىۋاتقان، نۆۋەتتىكى سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چاقىرىق قىلىۋاتقان، بىز خالىساقمۇ، خالىمىساقمۇ بەرىبىر يۈز بىرىدىغان ھەقىقەت. 20-ئەسىرنى تىبابەتچىلىكىمىزنىڭ ئالتۇن دەۋرى دىسەك بولىدۇ. بۇ ئەسىردە ئۆتكەن ئابلىمىت يۈسۈپ ھاجىم باشچىلىقىدىكى مەشھۇر تىۋىپ، ئالىملىرىمىز يوقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قالغان ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنى قۇتقۇزۇش، قىزىش، رەتلەش جەھەتتە ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىپ، شاگرىت تەربىيلەش، ئوقۇتۇش، قەدىمقى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش، ئەسەر يىزىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تىبابەتچىلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ساھەسىدە ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بىرىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قامۇسى، ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومى دەرسىلىك ماتىرىياللىرىنى يىزىپ، تىبابەتچىلىكنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ مىدىتسىنا ساھەسىدىكى بىر مۇھىم پەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، باشقىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتۈردى. بۇ ئەسىردە يەنە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيلىرىدە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرى كەينى- كەينىدىن قۇرۇلدى. ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومى، تەتقىقات ئورنى، ئۇيغۇر تىبابەت دورا زاۋۇتى قاتارلىق ئورۇنلار قۇرۇلۇپ، داۋالاش، تەربىيلەش، تەتقىق قىلىش، دورا ياساش بىر گەۋدىلەشكەن مۇستەھكەم بىر ھالەت شەكىللەندى. ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىجابى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونۇم رايۇن، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىرىشتى. تىبابەتچىلىكىمىزنىڭ ئالدىنقى ئەسىردىكى نەتىجىلىرى ناھايىتى زور بولىسمۇ، باشقا قىرىنداش مىللەتلەر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن سىلىشتۇرغاندا پەرق ناھايىتى چوڭ. بولۇپمۇ زاڭزۇ، مۇڭغۇل تىبابەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، دورىلىرىنىڭ بازارنى ئىگەللەش نىسپىتى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭكىدىن زور. تۆۋەندە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ھازىر ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىللەر ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات ھەققىدە ئازراق تەھلىل قىلايلى. 1. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزىرىيە ئاساسلىرى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك خىلىت تەلىماتىدا- خىلىت تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئىنسان بەدىندىكى ۋەكىلى. خىلىتلارنىڭ سان- سۈپەت جەھەتتىكى نورمال بولۇشى، ئىنسان بەدىننىڭ نورمال فىزىلوگىيلىك پائالىيتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومومىي بەدەننىڭ ساقلىق ھالىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. نورمالسىزلىق ھالىتى بولسا، بىر- بىرسىگە زەنجىرسىمان تەسىر قىلىپ، پۈتۈن بەدەنلىك ياكى يەرلىك ئورۇنلۇق كىسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە نورمال كىشىلەر بەدىنىدە قايسى خىلىت ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن بولسا شۇ خلىتقا مۇناسىپ مىزاج شەكىللىنىپ، شۇ مىزاج كىشىلىرىدە بەلگىلىك بەدەن بەلگىلىرى ۋە روھى ھالەت ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. خىلىتلارنىڭ سان- سۈپەت جەھەتتە نورمالسىز بولۇشىدىن ماددىلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللەر يۈز بەرگەندە شۇنىڭغا مۇناسىپ بەدەن بەلگۈلىرى ۋە روھى ھالەت ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. لىكىن ھازىرغىچە تۆت خىلىتنىڭ ھەقىقىي مىقدارى توغىرىسىدا ئىنىق مەلۇمات يوق. نۆۋەتتە تۆت خىلىتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى پەقەت ئۇنىڭ بەدەندىكى ئەمىلىي ئىپادىلىرىگە ۋە قەدىمقى ئەسەرلەردىكى خىلىتلارنىڭ تەمى، رەڭگى ۋە خۇسۇسىيتى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلىنماقتا. ھەمدە خىلىتلارنىڭ بەدەندىكى نىسپىتى مۆلچەرلەنمەكتە. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان 109خىل ئىلمىنىت تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئىچىدە بار. خىلىت تەركىبىدىمۇ نۇرغۇن ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك ئىلمىنتلار بار. بىز يىقىن كەلگۈسىدە ئىلىمىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، نوقتىلىق ھالدا خىلىتلارنىڭ نورمال ۋە غەيرى نورمال خىمىيەلىك ۋە فىزىكىلىق قىممىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى ئىنىقلاپ، تەن سۇيۇقلۇقىنى بىئوگىمىيەلىك ئانالىز قىلىپ، تەكشۈرۈشتىن چىققان بىئو خىمىيەلىك ئانالىز قىممەتلەر بىلەن خىلىت ئۆزگىرىشلىرىنى ياخشى تەھلىل قىلىپ، نورمال ھالەت نەتىجىسى بىلەن نورمال خىلىت ئۆزگىرىشىنى، نورمالسىز ئانالىز تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن نورمالسىز خىلىت ئۆزگىرىشىدىكى پەرقلەرنى بايقاپ، سىلىشتۇرۇش، بىر خىل دىئاگونوزدىكى بىر قانچە ئون خىل كېسەل ئۈستىدە تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىش ئىلىپ بىرىلسا، كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى غەيرى تەبىئىي خىلىتنىڭ بەدەن ئىپادىسىدىن باشقا ئىنىق بولغان سانلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئىرىشكىلى، قايسى خىل خىلىت ئۆزگىرىشىدە قايسى خىل ماددىنىڭ كەمىيشى ۋە ئىشىپ كىتىشىدىن ئىبارەت ئىنىق بولغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق خىلىت تەلىماتىدىكى بىر قىسىم بوشلۇقلارنى ھەل قىلغىلى، كېسەللىك دىئاگونوزىنى تىز، توغرا قويغىلى، داۋالاشتا دورىلارنى تەرتىپلىك، توغرا ئىشلىتىپ، ساقىيىش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ.
2. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك كىلىنكىسى (1) ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك كىلىنكىلىك داۋالاش ئىلىپ بارغاندا چوقۇم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئاساسى نەزىرىيلىرىنى يىتەكچى ئىددىيە قىلىش، كېسەللىك سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا خىلىت، مىزاج تەلىماتى بويىچە تەھلىل قىلىش. شۇ ئاساستا بىمارلارنىڭ ئەسلى مىزاجى، غەيرى تەبىئى مىزاجى، ئەسلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن خىلىت، ھازىرقى غەيرى تەبىئى خىلىت ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ مونزىج، موسھىللارنى بىرىپ، ئۇندىن كىيىن كېسەللەنگەن ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرگۈچ تەبىئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى، مۇناسىپ دورىلارنى بىرىش ئارقىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىش لازىمكى، كېسەللىك سەۋەبىنى باشقا تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىنى ئىشلەتكەندە ھەقىقى داۋلاش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. (2) كىسەللىك دىئاگونۇزىنى ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسلىرىدا بىكىتكەن ئۆلچەم بويىچە قويۇش. باشقا تىبابەتلەرنىڭ دىئاگونۇز ئاساسىنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇۋالماسلىق لازىم. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە كىسەللەرگە دىئاگونۇز قويۇشتا ئۆزىگە خاس بولغان نەزىرىيىۋى ئاساسى بويىچە كىسەللىك سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، كىسەللەرگە دىئاگنۇز قويىدۇ. بۇ دىئاگنۇزلار ھازىرقى زامان مىدىتسىناسىدا يوقكەن دەپ، دىئاگنۇزنى خالىغانچە ئۆزگەرتسەك، تەدبىقلىساق، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئىلمىي ئاساسى بار بىر پەندىن باشقا پەنلەرنىڭ تارمىقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىبابەت خاسلىق بويىچە داۋالاش پىرىنسىپلىرىنى توغرا بەلگىلىيەلەيمىز. (3) ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك داۋالاشتا ئۆز خاسلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس بۆلۈم، مەخسۇس كەسىپلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋاقىتلىق ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، داۋالاشتا باشقىچە يول تۇتماسلىق لازىم. نۆۋەتتە بىر قىسىملار ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك بىلەن غەرپ تىبابەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ بىر قىسىملار شۇغۇللىنىۋاتقاندەك ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرپ تىبابىتى دورىلىرىنى ئوخشاش بىر كېسەلگە بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشنى كۆرسەتمەستىن بەلكى ھازىرقى زامان مىدىتسىناسىدىكى ئىلغار دىئاگنۇز قويۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ كىسەللەرنى تونۇش، داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يىقىندىن بىرى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرى داۋلاش خادىملىرىنى تەربىيلەش ئۈچۈن غەرپچە داۋالاش ئورگانلىرىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ھازىرقى زامان مىدىتسىناسىدىكى ئىلغار دىئاگنۇز قويۇش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىپ، ئۇنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئويلىغان، لىكىن ئۇلار تەربىيلىنىپ كەلگەندىن كىيىن غەرپچە دورىلارنىمۇ كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، غەرپچە دورىلارنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ، داۋالاشتا ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش، ئوموملىشىش نىسپىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ ئارقىلىق بىمارلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ بالنىستتا يىتىپ داۋالىنىدىغان بىمارلارنىڭ سانى ئازىيىش ھادىسسى كۆرۈلمەكتە. بىز ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرى، شارائىتى بىزدىن ياخشى بولغان شۈنچە كۆپ غەرپچە داۋالاش ئورۇنلىرىنى تاشلاپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىغا داۋالىنىشقا كىلىشتىكى مۇددىئاسىنى تولۇق چۈشىنىشىمىز، ئۇلار غەرپچە دورىلاردىن قىچىپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك خاسلىق بويىچە تەبىئىي دورا ئەشيالىرى بىلەن داۋالىنىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلسە، بىز يەنىلا غەرپچە خىمىيەلىك ئوكۇل دورىلارنى ئىشلەتسەك، ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرى ھەر قانچە كۈچەپ، خادىملىرىمىزنى غەرپچە تەربىيلەپ كەتسەكمۇ، كەسپى ساپا، داۋالاش، تەكشۈرۈش، ئۈسكۈنە جەھەتتە غەرپچە داۋالاش ئورۇنلىرىدىن ئىشىپ كىتەلمەيمىز. بىز يىراق كەلگۈسىنى كۆزلىگىنىمىزدە، ئۆز يولىمىزدا مىڭىپ، ئۆز خاسلىقىمىزنى جارى قىلدۇرالىساقلا، باشقىلارنى دوراپ، ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭمىساقمۇ بىمارلار بىزنى تاللايدۇ. كەلگۈسى ئىستىقبالىمىزدىن ئەنسىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
3. ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكتە يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. ئەمىلىي ئىشلىتىۋاتقىنى ناھايىتى ئاز. بىر قىسىم دورىلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا بىز يەنىلا قەدىمقى تىۋىپلىرىمىز يىزىپ قالدۇرغان ئەنئەنىۋى رىتسىپلاردىن چىقىپ كىتەلمەيۋاتىمىز، ياكى شۇ رىتسىپلاردىن تولۇق، ئۈنۈملۈك پايدىلانمايۋاتىمىز. يىڭى دورىلار، يىڭى رىتسىپ كەمچىل. يىڭىلىق يارىتىش ئىجاتكارلىق روھى كەمچىل. يەككە دورىلاردىن پايدىلىنىشتا ئۆز رايۇنىمىزدىن چىقىدىغان دورىلاردىن پايدىلىنىشىمىز، قىزىپ رەتلىشىمىز تۆۋەن، ئاز بىر قىسىم دورىلاردىن باشقا كۆپلىگەن دورىلاردا سىرىتتىن كىگۈزۈشنى ئاساس قىلىمىز. ئەگەر بىر قىسىم دورىلىرىمىز بازار تىپىپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆپەيسە، خام ماتىرىيال جەھەتتە يىتىشمەسلىك يۈز بىرىپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يىتىدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇر تىبابەت دورا زاۋۇتلىرى، دورا ياساش بۆلۈملىرى قۇرۇلۇپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىبابەت دورلىرىنىڭ دورا بازىرىنى ئىگەللەش نىسپىتى، ئوبروت نىسپىتى تۆۋەن، دۆلەت ئىچىدە ئەمەس ئاپتونوم رايۇنىمىزدىمۇ رەسمى ئوموملىشالمايۋاتىدۇ. (1) ھەرقايسى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىلىرى دورا ياساش بۆلۈملىرىدە دورا زاۋۇتلىرىدا ئىشلىنىۋاتقان بىر قىسىم دورىلارنىڭ رىتسىپ ئۆلچىمى بىرلىككە كەلمىگەن. بىر خىل مۇرەككەپ ياسالمىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى رىتسىپ تەركىبىدە قىسمەن ئوخشىماسلىقلار بار. بىر شىپاخانىنىڭ بىر خىل دورىسى بىرەر كىسەلگە پايدا قىلىپ، كىيىن قىلغاندا ئەسلىدىكى دورىدەك تەسىر قىلماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. شۇ سەۋەبتىن دورا ئىستىمال قىلغۇچىلاردا گۇمانى كۆز قاراش شەكىللىنىپ دورىلىرىمىزنىڭ بازارغا يۈزلىنىشتە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. (2) ھازىر ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئوراپ قاچىلاش ئەھۋالى ئىلگىركىدىن كۆپ ياخشىلاندى. ئەمما ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ دورا ماركىسى، دورا قىپىدىكى دورا نامى (خەنزۇچە نامى) تەسىرى، ئىشلىتىلىشى، ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش بىر خىل دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدە مەلۇم پەرقلەر ساقلانغان. بەزى دورىلار تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى ئارلاشتۇرۋىتىلىپ، كونكىرتنى يىزىلمىغان. يەنە بىر قىسىم دورىلارنى شەخسلەر كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ، بازارغا سىلىپ دورا تەركىبى، ماركا، ئوراپ قاچىلاش، دورا باھاسى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن پەرىقلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، دورا ئىشلەتكۈچىلەرنى بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلالمايۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن راست، ھەقىقى دورىلار بازار تاپالماي دورا ئوموملىشىشقا تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ. (3) دورىلارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى قارىغۇلارچە ئىلىپ بىرىلىپ، دورىلارنىڭ ئەسلىدىكى ياسالما ھالىتىگە سادىق بولمىغان ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، دورىلارنىڭ تەسىرى تۆۋەنلەپ، بېمارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلمىدى. دورىلارنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىگە ئەھمىيەت بەرسەك، ئۈنۈملۈك تەركىۋى يۇقۇرى، مىقدارى ئاز، ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئوراپ- قاچىلاش سۈپەتلىك ھالەتكە كەلتۈرسەك بولىدۇ. لىكىن شەكىل ئۆزگەرتىشتە دورا ئۈنۈمىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كىرەك. (4) ھازىر ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياساش ئورۇنلىرىغا بولغان نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئۆلچەملىرى ئىلگىرىكىدىن ناھايىتى يۇقۇرى، تەلەپ كۈچلۈك، بۇ ئۆلچەمگە يىتىش ئۈچۈن ھەرقايسى شىپاخانا دورا ياساش بۆلۈملىرىنىڭ ئىقتىسادى كۈچى، تېخنىكا كۈچى بىر قەدەر ئاجىز، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بار بولغان مالىيە كۈچى ۋە تېخنىكا كۈچىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە ھەمكارلىشىشقا ئىلھاملاندۇرساق، ئىلغار كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش شەكلىنى قوللانساق ياكى بىر قانچە شىپاخانا دورا ياساش بۆلۈملىرى ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپ بىرلەشسە، دورا جەھەتتىكى تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرساق، دورىگەرلىك ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرىشىمىز كاپەلەتكە ئىگە بولىدۇ.
ئومومەن قىلغاندا، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز، ئۆزىمىزنى تەرتىپكە سىلىشىمىز، ئۆزىمىزدە ساقلانغان ئىللەتلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن تونۇشىمىز، تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلىشىمىز، مەسىلە ئۆزىمىزدە بولغان ئىكەن ئۆزىمىز ھەل قىلىشىمىز، ۋاقىتنىڭ ھەممىسىنى ئويلىنىشقا سەرپ قىلىۋەتمەي، ئەمىلىي ئىلگىرلەش يولىنى تىپىشىمىز كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە ناھايىتى ياخشى ئىددىيەۋى تەييارلىق، مۇكەممەل تەرەققىيات پىلانى بولۇشى كېرەك. كەسپى خادىملارنى ياخشى تەڭشەش، ئىقتىدارىغا قاراپ ئىشقا قويۇش، مەخسۇس كەسىپ، مەخسۇس بۆلۈملەرنى يولغا قويۇش، داۋالاش خىزمىتى بىلەن پەرۋىش خىزمىتى، داۋالاش بىلەن دورىگەرلىك ئىشلىرىنى، كىلىنكا تەتقىقاتى بىلەن دورىگەرلىك تەتقىقاتىنى، تەڭ، ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدرۇپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىشىمىز لازىم.
ئەسكەرتىش: ماقالىنى ياكى ئابزاس بۆلەكلىرىنى "ئۇيغۇر تىببى تورى"دىن ياكى ئاپتۇردىن بىسوراق ئىشلەتمەڭ، ياكى تور بىتىمىز نامىنى ئەسكەرتىپ ئىلىڭ.
|
|||||||||||
|
___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. ___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. |
|||||||||||
|
Tel: (0998) 7282896 http://www.UighurTibbi.com E-Mail: ehospital@163.com QQ: 87156773 |
|||||||||||