|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
|
|||||||||||
|
268نەپەر سۈيدۈك ئاجىرتىش سىستېمىسى تېشى كىسەللىكلىرىنى تاش چۈشۈرۈش تالقىنى بىلەن داۋالاشتىن خۇلاسە
ئاپتۇرى: ئابدۇۋاھىت نۇرئەھمەت (مەسئۇل ۋاراچ) يىتەكچى ئۇستاز: تېۋىپ نۇرئەھمەت ياسىن
قىسقىچە مەزمۇنى مەقسەت: سۈيدۈك ئاجىرتىش سىستېمىسى تىشى كېسىلى (بۆرەك تىشى كېسىلى، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى تىشى كىسىلى، سۈيدۈك يولى تىشى كېسىلى، دوۋساق تىشى كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى تاش چۈشۈرۈش تالقىنى بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى كۈزىتىش. ئۇسۇل: دوختۇرخانىمىز 1999-يىلى 1-ئايدىن 2002-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا داۋالىغان 268نەپەر سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى تىغى كېسىلى، بۇنىڭدىن بۆرەك تىشى كېسىلى 108نەپەر (%40.5)، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى تىشى كېسىلى 67نەپەر (%25)، دوۋساق تىشى كېسىلى 79نەپەر (%29.5)، سۈيدۈك يولى تىشى كېسىلى 14نەپەر(%5) بولۇپ، كىسەللىك سەۋەبىنى ئىنىقلاپ، ياش، جىنس، مىزاج بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىپ ھەم ئۇنى تاش چۈشۈرۈش تالقىنى ئىچكۈزۈش ئارقىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىپ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ تاش پارچىلاش، چۈشۈرۈش جەھەتتىكى كىلىنكىلىق ئۈنۈمىنى كۈزىتىش. نەتىجە: 268نەپەر سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى تىشى كېسىلى (بۆرەك تىشى كېسىلى، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى تىشى كىسىلى، سۈيدۈك يولى تىشى كېسىلى، دوۋساق تىشى كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تەكشۈرۈپ دىئاگنۇزىنى مۇقىمداپ، تاش چۈشۈرۈش تالقىنىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالاپ، ئاخىرىدا ئومومىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ خۇلاسىلاپ كۆرگىنىمىزدە بېمارلاردىن كېسەللىكى تولۇق ساقايغىنى 167نەپەر (%62.3)، ياخشىلانغانلار 89نەپەر (%33.3)، داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگىنى 12نەپەر (%4.4) بولۇپ، داۋالاشنىڭ ئومومىي ئۈنۈم بىرىش نىسپىتى %95.6 بولدى. يەكۈن: سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى تىشى كېسىلى كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلىشىدىن بۆرەك ئىقتىدارى نورمال بولماي، ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەر- ئايال، ياش- قىرىلاردا يۈز بىرىۋىرىدىغان، ۋاقتىدا بايقاپ داۋالاش ئىلىپ بىرىلمىسا سۈيدۈك يولىدا توسۇلۇش ھەم يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىپ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سۈيدۈك بىلەن زەھەرلىنىش، بۆرەك ياللۇغى، بۆرەككە سۇ يىغىلىشنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا بۆرەك خىزمىتى ئاجىزلىششنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھازىرقى زامان مىدىتسىناسىدا ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى ئاساسى داۋالاش پىرىنسىپى قىلىدۇ. بىز ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ساپ، تەبىئى دورا ماتىرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ، تاش پارچىلاش، چۈشۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە ياسالما تاش چۈشۈرۈش تالقىنىنى ئىچىشكە بىرىش ئارقىلىق، دورا ئارقىلىق تاش پارچىلاپ چۈشۈرۈشتەك ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىرىشتۇق. بۇ دورا ئوخشاش تەسىردىكى باشقا دورىلارغا نىسبەتەن ئۈنۈمى تىز ھەم ياخشى بولۇپ، ناچار تەسىرىمۇ ئاز. ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى تىشى كېسەللىكلىرى، تاش چۈشۈرۈش تالقىنى، داۋالاش.
سۈيدۈك ئاجرىتىش تىشى سىستىمىسى كېسەللىكلىرىدىن بۆرەك تىشى كېسىلى، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى تىشى كېسىلى، دوۋساق تىشى كېسىلى، سۈيدۈك يولى تىشى كېىسىلى كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان، ھەرخىل ياشتىكىلەردە يۈز بىرىۋىرىدىغان، ئاياللارغا نىسبەتەن ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان، تەكشۈرۈپ دىئاگنۇز قويۇش بىر قەدەر ئاسان، ۋاقتىدا داۋالاتمىسا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىلىرىدا ياللۇغلىنىش، توسۇلۇپ قىلىش كىلىپ چىقىپ، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يامان ئاقىۋەت ئىلىپ كىلىدىغان كېسەللىك.
تاش چۈشۈرۈش تالقىنى دوختۇرخانىمىزدىكى ئىجتىھاتلىق پىشقەدەم تېۋىپ نۇرئەھمەت ياسىننىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دورىگەرلىك نەزىرىيسىگە ئاساسەن، ئۇزۇن يىللىق كىلىنىك ئەمىلى تەجىربىلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەپ ياساپ چىققان ساپ، تەبىئى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دورا ياسالمىسى بولۇپ، ئوغرى تىكەن، ھەجرىل يەھۇد، كاكىنەج، تەرخەمەك ئۇرۇغى، چايان قاتارلىق دورىلاردىن تەركىپ تاپقان. ئىستىمال قىلىش قولايلىق، ئۇ تاش پارچىلاش، چۈشۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە يىڭى دورا. دوختۇرخانىمىز 1999-يىلى 1-ئايدىن 2002-يىلى 10-ئايغىچە مەزكۇر كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان 268نەپەر بىمارنى تاش چۈشۈرۈش تالقىنى بىلەن داۋالاپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتى.
1. كىلىنكىلىق ماتىرىيال 1) ئادەتتىكى ماتىرىيال 268نەپەر بىمار ئىچىدە ئەرلەر 161نەپەر (%60)، ئاياللار107نەپەر (%40)، بۇنىڭ ئىچىدە 1~10 ياشتىكىلەر 49نەپەر (%18.3)، 11~20 ياشتىكىلەر 31نەپەر (%11.6)، 21~30 ياشتىكىلەر 47نەپەر (%17.5)، 40~31ياشتىكىلەر 52نەپەر (%19.4)، 50~41ياشتىكىلەر 43نەپەر (%16)، 60~51 ياشتىكىلەر 29نەپەر (%10.8)، 60ياشتىن يۇقۇرىلار 17نەپەر (%6.4)نى ئىگەللەيدۇ. قان مىزاجدىكىلەر 38نەپەر، سەپرا مىزاجدىكىلەر 94نەپەر، بەلغەم مىزاجدىكىلەر 55نەپەر، سەۋدا مىزاجدىكىلەر 81نەپەر. بۆرەك تىشى كېسىلى 108نەپەر (%40.5)، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى تىشى كېسىلى 67نەپەر (%25)، دوۋساق تىشى كېسىلى 79نەپەر (%29.5) سۈيدۈك تىشى كېسلى 14نەپەر (%5)نى ئىگەللەيدۇ.
2) دىئاگنۇز ئاساسى تىپىك كىلىنىك ئىپادىسى، سۈيدۈكنى لابوراتورىيدە تەكشۈرۈش، Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش ۋە رىنتىگىن ئاپپاراتىدا سايىلاندۇرۇپ رەسىمگە ئىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنۇر بىكىتىلدى.
2. داۋالاش ئۇسۇلى ئالدى بىلەن بىمارلارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇپ، ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش، بېمالارنىڭ داۋالىنىشقا ماسلىششىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە تەس ھەزىم بولىدىغان، غەلىز تائاملاردىن، ئۆتكۈر ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر ۋە غىدىقلاش، يەل پەيدا قىلىش تەسىرى بولغان لازا- ئاچچىقسۇغا ئوخشاش نەرسىلەردىن، شۇنداقلا بۇستا پىشۇرۇلغان قىيمىلىق تاماقلاردىن، تۇزلۇق تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇپ، ئاسان سىڭىدىغان سۇيۇق- سەلەڭ تاماقلار بىلەن غىزالىنىشنى بۇيرۇش بىلەن قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىشكە تەۋسىيە قىلىندى. مەخسۇس داۋالىغۇچى دورا سۈپىتىدە تاش چۈشۈرۈش تالقىنى كۈنىگە 3قېتىم، ھەرقېتىمدا 3g~5gغىچە بىرىلدى. بالىلارغا مىقدارى، ياش پەرقىگە قاراپ مۇۋاپىق كىمەيتىپ بىرىلدى. بىر داۋالاش كۇرسى 8كۈن بولۇپ، تاشنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، ئورنىغا قاراپ 1~3كۇرۇسقىچە داۋالاپ ئۈنۈمى كۆرۈلدى. داۋالاش جەريانىدا پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھىچقانداق دورا بىرىلمىدى. يىشى چوڭ، تىنى ئاجىز، بۆرەك خىزمىتى ياخشى بولمىغان بېمارلارغا ئەنگۈرشىپا، ئاق لەيلى ئۇرۇغى، سىمىز ئوت ئۇرۇغى، بادىيان ھەربىرىدىن 20gدىن، قوغۇن ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇغى 30gدىن، كاسىنە ئۇرۇقى 10gدىن ئىلىپ مەتبۇخ تەييارلاپ 100mlدىن كۈنىگە 3قېتىم ئىچىشكە بىرىلدى. يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگەن بېمارلارغا ئەرەقى ئەنگۈرشىپا، ئەرقى كاكىنەج، مەجۈنى چۆبىچىن قاتارلىق دورىلار قوشۇمچە بىرىلدى. قانلىق سۈيدۈك كۆپ بولغىچىلارغا شەربىتى ئەنجىباھاردىن 50mlدىن كۈنىگە 3قېتىم بىرىلدى. تاش پارچىلىنىپ چۈشۈپ سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى، سۈيدۈك يولىدا توسۇلۇپ قالغانلارغا ئوغرى تىكەن، بابۇنە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زاراڭزا، ھەربىرى 50gدىن، شومشا، بىيخ كەبىر، ئىسسپغۇل يوپۇرمىغى ھەر بىرى 30gدىن، سىمىز ئوت، بىنەپشە، كۈنجۈت يوپۇرمىغى ھەربىرى 40gدىن ئىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭ سۈيىدە بېمارنى بىلىغىچە ئولتۇرغۇزۇپ ۋاننا قىلىش، ئاندىن پىشۇرۇلغان دورىلارنىڭ تىرىپىنى دوۋسۇن، ئاستىنقى قورساق ساھەسىگە چىپىپ تىڭىش، سۈيدۈك يولىغا چايان يىغىدىن 3mlدىن 6mlغىچە شىفىرىس ئارقىلىق كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلدى.
تاش چۈشكەن ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تاشنىڭ يوقالغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كىيىن دورا ئىشلىتىشنى توختۇتۇپ قويماي، قايتا چۆكمە ھاسىل بولۇۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بىرەر رولى بار دورىلارنى بىرىش، ئاندىن كىيىن ئىككى ھەپتىگىچە بۆرەك ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ھەربىر بېمارغا ماددەتول ھايات، لوبوبى كەبىر، مەجۈنى سۇئلەپ قاتارلىقلار بېمارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ھالدا بىرىلدى.
3. داۋالاش نەتىجىسى بۇ 268نەپەر كېسەللەرنى يۇقۇرقى دورا ۋە ئۇسۇللار بىلەن داۋالاپ ئاخىرىدا ئومومىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ نەتىجىسىنى خۇلاسىلاپ كۆرگىنىمىزدە بۇ بېمارلاردىن كېسەللكى تولۇق ساقايغىنى 167نەپەر بولۇپ %62.3نى؛ ياخشىلانغانلار 89نەپەر بولۇپ، %33.3نى؛ داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگىنى 12نەپەر بولۇپ، %4.4نى ئىگەللەپ، داۋالاشنىڭ ئومومى ئۈنۈم بىرىش نىسپىتى %95.6گە يەتتى. داۋالاش كۈن سانى جەھەتتە ئەڭ ئۇزۇن يولغانلىرى 32كۈن، قىسقا بولغانلىرى 8كۈن.
4. مۇلاھىزە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى تىشى كېسەللىكلىرى ئەر-ئايال، ياش- قىرى، ھەتتا كىچىك بالىلاردىمۇ ئۇچرايدىغان، ئاياللارغا نىسپەتەن ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان، بولۇپمۇ سىمىز، كۆپ ھەركەت قىلمايدىغان، تۇرمۇش سەۋىيسى يۇقۇرى كىشىلەردە نىسبەتەن كۆپرەك ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئاغرىش ئىغىرلىرىدا غىدىقلاش ۋە توسۇلۇش سەۋەبىدىن سانجىق پەيدا بولۇپ، چىرايى تاتىرىش، ئاغرىش، بەل ۋە قورساقنىڭ ئىككى تەرىپىدىن دوۋسۇن رايۇنى، ئاياللار سىرتقى جىنسى ئەزاسى، يوتا ئىچكى تەرىپىگىچە تاراش، بەزىدە كۆڭۈل ئىلىشىش، ياندۇرۇش، قان سىيىش قاتارلىق بىر قاتار ئىپادىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، ۋاقتىدا بايقاپ داۋالاش ئىلىپ بىرىلمىسا سۈيدۈك يولىدا توسۇلۇش ۋە يۇقۇملىنىشنى ئاسان پەيدا قىلىپ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سۈيدۈك بىلەن زەھەرلىنىش، بۆرەك ياللۇغى، بۆرەككە سۇ يىغىلىشنى پەيدا قىلىپ ئاخىرىدا بۆرەك خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، تاشنىڭ پەيدا بولۇشى توغىرىسدا ھازىرغىچە تىخى ئىنىق خۇلاسە بولمىسىمۇ تىبابەتچىلىكىمىزدە: سەپرا خىلىتىنىڭ غالىپلىقى سەۋەبىدىن تەن سۇيۇقلۇقى خوراپ، تەن سۇيۇقلۇقى بىرلىك مىقدارى ئازلىغاچقا بۆرەك شارچىسىغا يىقىن ئەگرى نەيچىلەردە سۇ بىلەن ناترىنىڭ قايتا شۈمۈرىلىشى كۈچىيىپ، سۈيدۈكنىڭ قۇيۇقلۇقى ئارتىپ، سۈيدۈك تەركىۋىدىكى ماددىلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش پۇرسىتىنىڭ ئىشىشى، سەپرا خىلىتى تەركىۋىگە سەۋدا خىلىتى ئارلىشىشتىن كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا پەيدا بولۇپ، قۇرۇقلۇقى ئارتىپ كىتىپ، ۋەزنى ئىغىر، چۆكمىگە چۈشۈش خۇسۇسىيتى نىسبەتەن كۈچلۈك، مەدەن جىنىسلىق ماددىلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈشىنى نىسبەتەن تىزلىتىشى، بەدەندە خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقى كۆرۈلگەندە بەدەننىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، سۈيدۈك تەركىۋىدىكى مىنرال تۇزلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۋىتىشى، بۆرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتى دافىئە (ھەيدەش، ئىتتىرىش كۈچى) ئاجىزلاپ، بۆرەك جامىدا سۈيدۈكنىڭ يىغىلىپ ئۇزۇنراق تۇرۇپ قىلىشىغا سەۋەب بولۇشىدىن، سۈيدۈك تەكىۋىدىكى مىنرالنى تۇزلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەردىن ۋە بۆرەك ئاجىزلىقى، سۈيدۈك يوللىرىدىكى ياللۇغلىنىش، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى، ئىچكى ئاجراتما بەزلەر پائالىيتى قالايمىقانلىشىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
بىز 268نەپەر كىسەلنى داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىنىقلاپ، دىئاگۇنۇزنى مۇقىمداپ تاش چۈشۈرۈش تالقىنى بىرىش ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشتۇق. بولۇپمۇ تاش 14mmدىن تۆۋەن بولغانلىرىنىڭ پارچىلىنىشى، چۈشۈشى تىز بولىدىغانلىقىنى، 14mmدىن يۇقۇرى تاشلارغا دورا ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق تاشنىڭ پارچىلىنىپ چۈشۈشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى، خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالار ۋە بۆرەك قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ تاش چۈشۈپ بولغاندىن كىيىنمۇ سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى بىرىش بىلەن بىرگە بۆرەك ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە دورىلارنى ئىستېمال قىلدۇرغاندا تاشنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى، داۋالاشتا پەرۋىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە تاش پارچىلاش، چۈشۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە داۋالاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇق.
ئەسكەرتىش: ماقالىنى ياكى ئابزاس بۆلەكلىرىنى "ئۇيغۇر تىببى تورى"دىن ياكى ئاپتۇردىن بىسوراق ئىشلەتمەڭ، ياكى تور بىتىمىز نامىنى ئەسكەرتىپ ئىلىڭ.
|
|||||||||||
|
___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. ___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___. |
|||||||||||
|
Tel: (0998) 7282896 http://www.UighurTibbi.com E-Mail: ehospital@163.com QQ: 87156773 |
|||||||||||