بۆلۈملەر          باش بەتكە قايتىش

 

ئىچكى كىسەللىكلەر 2-بۆلۈمى

مەخسۇسلاشقان ئۇيغۇر تىبابەتچە ئىغىر كىسەللىكلەرنى داۋالاش بۆلۈمى

 

 

قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ئىچكى كىسەللىكلەر 2-بۆلۈمى — دوختۇرخانىمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتا شىپاخانىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تىبابەت پىشۋالىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە كىچىكلىكتىن زورىيىپ، مۇكەممەل داۋالاش شارائىتىغا ئىگە بولغان، ئىختىساسلىق تىببى خادىملار سەپلەنگەن ئۈنۋىرسال ئىچكى كىسەللىكلەر بۆلۈمى. بۆلۈمدە 12نەپەر دوختۇر، سىستىرا بولۇپ دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى مەخسۇس ئۇيغۇر تىبابىتى داۋالاش كەسپى بويىچە ئالى تېخنىكومدىن يۇقۇرى مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە. دوختۇرلاردىن مەسئۇل ۋاراچ 2نەپەر، ۋاراچ 4نەپەر. سىستىرالار مەخسۇس مەكتەپنىڭ پەرۋىش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. دوختۇر سىستىرالارنىڭ ھەممىسى كەسپى دوختۇرلۇق، سىستىرالىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئىگە. بۆلۈمدە 30كارۋات تەسىس قىلىنغان، ياتاقلار يۈرۈشلەشكەن ئازادە، يورۇق بولۇپ، چاي، سۇ تازلىق ئۆيى قاتارلىقلار قولايلىق. بۆلۈمنىڭ يىللىق بالنىستقا كىسەل قوبۇل قىلىپ چىقىرىش مىقدارى 600ئادەم قىتىمدىن ئاشىدۇ.

ئاساسلىقى ھەرخىل يۈرەك كىسەللىكلىرى، مىڭە قان تومۇر كىسەللىكلىرى، نىرۋا ئاجىزلىق، يۇقۇرى قان بىسىم كىسىلى، قان مايلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىش كىسىلى، نەپەس سىستىما كىسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش سىستىما كىسەللىكلىرى، ھەرخىل تىپىتىكى جىگەر كىسەللىكلىرى، جىگەرنى ماي قاپلاش، ئۆت خالتىسىنىڭ كىسەللىكلىرى، سۈيدۈك ئاجىرتىش سىستىمىسى كىسەللىكلىرى، قەنت سىيىش كىسىلى، ئەرلەر كىسەللىكلىرى، جىنسىي ئاجىزلىق، ئومومىي بەدەن ئاجىزلىقى، قان كەملىك قاتارلىق كىسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تىبابەت ئەنئەنىۋى دىئاگونوز قويۇش ئۇسۇلى بىلەن زامانىۋى تىخنىكىلارنى بىرلەشتۈرۈپ دىئاگونوز قويۇپ، مەخسۇس ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالايدۇ. رىماتىزىم، ساختا رىماتىزىم، ھەرخىل سۆڭەك ئۆسىۋىلىش كىسەللىكلىرى ۋە تىرە كىسەللىكلىرىنى ئۇۋلاش، توكقا قاقلاش، توك بىلەن سوقتۇرۇش، دورا چىپىش، دورا تىڭىش، دورا بىلەن ھورداش، دورىلىق سۇدا يۇيۇش، دورا ئىچكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالايدۇ. يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىلىرىدا تەربىيلەنگەن ئاياللار كىسەللىكلىرى دوختۇرى ھەرخىل ئاياللار كىسەللىكلىرىنى دورا تېڭىش، دورا كىرگۈزۈش، توك بىلەن قىزدۇرۇش، دورا بىلەن ھورداش، دورا ئىچكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەخسۇس داۋالايدۇ. پۈتكۈل داۋالاش جەريانىدىكى بارلىق مەشغۇلاتلار دوختۇر ۋە سىستىرالارنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىكىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بىمارلارنىڭ دورىلىرىنى بەلگىلەنگەن مىقدار بويىچە ھەرۋاقىت سىستىرالار ئىچكۈزۈپ قويىدۇ. بىمارلارنى داۋالاش جەريانىدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزەرىيسىنىڭ جان تومۇرى بولغان مىزاج ۋە خىلىت ئالاھىدىلىكى بويىچە شۇنداقلا ياش، جىنىس ئايرىمىسى، ئومومىي بەدەن ئەھۋالى، كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇنزىچ ( بەدەندىكى شۇ خىل كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا غالىپ كەلگەن خىلىتنى پىشۇرغۇچى، سۈرۈپ چىقىرىشقا ياردەملەشكۈچى قايناتما دورا ) ۋە مۇسھىل (خىلىتنى پىشۇرۇپ بولغاندىن كىيىنكى سۈرگۈچى دورا) بىرىپ ئاندىن كىسەلنى داۋالىغۇچى ئاساسلىق دورىلار بىرىلىدۇ. دورا ئىشلىتىشتە دوختۇرخانىمىزدا تەييارلانغان پىششىق دورىلاردىن باشقا ھەرخىل شەكىلدىكى كىچىك رىتسىپلىق دورىلار، ھەرخىل كاشكاپلار، مەتبۇخلار، شەربەتلەر، خىمىر دورىلار، لوئوقلار ۋە بىر قىسىم قىممەت باھالىق ئىپار، ئەنبەر، زەپەر سىلىنىدىغان مۇرەككەپ ياسالمىلارمۇ بۆلۈمدە تەييارلاپ بىرىلىدۇ. داۋالاش جەريانىدا غەرب تىبابەت دورىلىرى مۇتلەق ئىشلىتىلمەيدۇ.

 

 

 

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.___.

Tel:  (0998) 7282896       http://www.UighurTibbi.com

E-Mail:   ehospital@163.com               QQ: 87156773