|
دوختۇرخانىدا 9
كىشلىك دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، 8 كىشلىك دورا ياساشقا
نازارەتچىلىك قىلىش ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، دورا
تەتقىقات گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار قۇرۇلغان. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ خىزمەت
تەقسىماتى، مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتى ئىېنىق بېكىتىلىپ دورىگەرلىك
ئىشلىرىنىڭ ساغلام، ئۈنۈملۈك ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك
قىلىنغان. يېڭى رىتىسىپ، تەجىرىبىدىن ئۆتكەن رىتسىپ ۋە مەخپى
رىتىسىپلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن
رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى دوختۇرخانىدا ياش،
ئوتتۇرا ياش تايانىچ خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە « مەزى
بېزى ياللغۇى ئىچىملىگى »، « قەنىت سىيىش كېسىلى كۇمۇلىچى»،
«سەندەل كاپسۇلى»، «سەرتان كاپسۇلى»، «ئۆت ياللۇغى ئىچىملىگى»، «
چاچ مېيى » قاتارلىق بىر يۈرۈش دورىلار ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا
سىلىنىپ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. شۇنداقلا
كۈنسىرى داۋالاش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ بىرىۋاتىدۇ.
دورا ئۈنۈمىگە
قارىتا دوختۇرخانا ئىلگىرى ياسىغان 300خىلدىن ئارتۇق ياسالما
ئىچىدىن 150خىل نۇسخىنى قىلىپلاشتۇرۇپ، تۆۋەن ئۈنۈملۈك
ياسالمىلاردىن دادىللىق بىلەن ۋاز كىچىپ، يېڭى دورىلارنىڭ
كىلىنكىلىق ئۈنۈمىنى كۆزىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.
كېسەللىككە دىئاگونوز قويۇش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ھازىرقى زامان تىبابىتىنىڭ ئىلغار تەكشۈرۈش سايمانلىرى ۋە
بىئوخىمىيىلىك تەكشۈرۈش سايمانلىرىنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك
دىئاگونوز ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. كەسپى تۈزۈلمە ئىسلاھاتنى
يولغا قويۇپ، كەسپى خادىملار مەخسۇس كەسىپلەر بويىچە
كەسىپلەشتۈرۈلۈپ، مەخسۇس كەسىپلەر بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا
ئەۋەتىلدى. سېستىرالارنىڭ سەۋىيسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 1995-يىلدىن
باشلاپ دىئابىت كېسىلى، مەزى بېزى ياللۇغى، چاچ چۈشۈش ۋە دائىرلىك
چاچ چۈشۈشنى داۋالاشتا شىپاخانا تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېڭى دورا
نۇسخلىرىنى ئىجاد قىلىپ ھەم كىلىنكىدا ئىشلىتىپ، خۇلاسىلەپ زور
ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى. نۆۋەتتە كىلىنكا تەتقىقاتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى
ئىلىپ بىرىلىشى تەتقىقات شارائىتىنى ياخشىلاپ، تەتقىقاتنى تېخىمۇ
چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپلىق پىلان تۈزۈلدى.
دوختۇرخانا دورا
ياساش بۆلۈمى ئاپتونوم رايۇن بويىچە ئېلىپ بىرىلغان دورا ياساش
بۆلۈمى خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋىلىش ۋە باھالاش خىزمىتىدە
دورا تەييارلاش بۆلۈمى لاياقەتلىك بولۇپ « دورا ياساش
ئىجازەتنامىسى» غا ئېرىشتى. دوختۇرخانا ئالدىنقى باسقۇچتىكى دورا
ئىشلەش ئىجازەتنامە نومۇرىنى يىڭىلاش خىزمىتىدە، 2004 -يىل يىل
ئاخىرىدا 64خىل دورا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق دورا
تەكشۈرۈش نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەرپىدىن دورا ئىشلەش ئىجازەتنامە
نومۇرىنى يىڭىلىدى، يەنە 28 خىل دورا ماتىرىياللىرى رەتلىنىپ،
يوللاش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.
دورا ياساش بۆلۈم
تېلفۇن نومۇرى: 7289402-0998
|