بۆلۈملەر          باش بەتكە قايتىش

 

قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى

 

دوختۇرخانا ئامبولاتورىيە بىناسى

دوختۇرخانا بالنىست بىناسى دوختۇرخانا ئامبولاتورىيە بىناسى

 

قاغىلىق ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى داۋالاش سەۋىيەسىنى ئومومىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇر تىبابەت تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، غەرىب تىبابىتى مۇتەخەسسىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتى مۇتەخەسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ تاشقى بۆلۈم، ئىچكى بۆلۈم، سۆڭەك زەخمە بۆلۈم، ئاياللار تۇغۇت بۆلۈم، جىددى كۆرۈش بۆلۈمى، يەنە لابوراتورىيە، رىنتىگىن، Bتىپلىق تەكشۈرۈش، ئىلىكتىروكاردىئاگراممىدا تەكشۈرۈش قاتارلىق تېخنىكا بۆلۈملەرنىڭ داۋالاش، تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ياخشىلىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىمىز ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تىبابەت بىلەن ھازىرقى زامان تىبابىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقۇرى، داۋلاش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولغان ئۇنۋىرسال ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا ئايلاندى.

 

ئىچكى كىسەللىكلەر 1-بۆلۈمى

(ئىچكى كىسەللىكلەر داۋالاش، جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى)

ئىچكى كىسەللىكلەر 1-بۆلۈمى ئىلغار بولغان داۋالاش شارائىتغا، جۈملىدىن مۇنتىزىم بالنىست شارائىتىغا، تەجىربىلىك داۋالاش دوختۇرلىرىغا ئىگە بولغان ئىچكى كىسەللىكلەر بويىچە داۋالاش، جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى بولۇپ، دوختۇر سىستىرالار باشقا جايلاردىكى ئىلغار داۋالاش ئورگانلىرىدا تەجىربە تولۇقلىغان، بىر قەدەر مۇنتىزىم، داۋالاش سەۋىيسى ياخشى بولغان شارائىتنى ھازىرلىغان.

 

 

سۆڭەك، تىڭىق تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمى

(سۆڭەك، تىڭىق تاشقى كىسەللىكلىرى، ئوپراتسىيە بۆلۈمى)

سۆڭەك، تېڭىق تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمى ئىلغار بولغان، زامانىۋىلاشقان ئۈسكىنىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئۇيغۇر تىبابەتچە تاشقى كىسەللىكلەر داۋالاش بۆلۈمى بولۇپ، غەرب تىبابىتىنى ئۇيغۇر تىبابىتىگە ماسلاشتۇرۇپ داۋالاش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، بىمارلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئازاتلىق ئارمىيە 18-دوختۇرخانىسىنىڭ بىر قىسىم مۇتەخەسسىس، دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھەرخىل ئوپراتسىيە تۈرلىرىنى قانات يايدۇردۇق. مەسىلەن:سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، سىرىق ئەت يىرتىلىش، گىموروي، مەقەت ئاقمىسى، دوۋسۇنغا تاش چۈشۈش، ئۆت ئوپراتىسيەسى، ئاشقازان ئوپراتىسيەسى، ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەسى، قالقانسىمان بەز ئوپراتسىيەسى ۋە ھەرخىل سۇنۇقلارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى قاتارلىقلارنى ئىلىپ بارىدۇ.

سۆڭەك زەخمە بۆلۈمى: ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تىبابىتى ئارقىلىق، ھەرخىل سۆڭەك زەخمە كىسەللىرىنى ئوپراتسىيە قىلماي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇقىملاشتۇرىدۇ. زورۈل تىپىلغاندا ئوپراتسىيە قىلىپ مۇقىملاشتۇرىدۇ.

 

 

ئاياللار كىسەلىكلىرى، تۇغۇت بۆلۈمى

دوختۇرخانىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى ئۇيغۇر تىبابەتچە داۋالاشنى ئاساس، غەرىب تىبابىتىنىڭ ياخشى تەرەپلەرنى ئىلغاش ئاساسىدا داۋالاش ئەندىزىسىنى يۈرگۈزگەن بولۇپ، نۆۋەتتە داۋالاش سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە باشقا دوختۇرخانىلاردىن داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئوپراتسىيە قىلىپ بالا ئىلىش، بالىياتقۇنى ئىلىۋىتىش، بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىنى ئوپراتسىيە قىلىش، تۇغۇمدان ئۆسمىسىنى ئوپراتسىيە قىلىش قاتارلىق ئاياللار بۆلۈم ئوپراتسىيەلىرىنى يولغا قويدى.

 

بوۋاسىر بۆلۈمى، فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى

گىموروي كىسەللىكلىرى، فىزىكىلىق داۋالاش كىسەللىكلىرى، ئەرلەر كىسەللىكلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن داۋالاش بۆلۈمى بولۇپ، داۋالايدىغان كىسەللىكلىرى ئىچكى بوۋاسىر(گىموروي)، تاشقى بوۋاسىر(گىموروي)، ئارلاشما بوۋاسىر(گىموروي)، مەقەتتىن قان كىلىش، مەقەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقى، مەقەت تۈز ئۈچەي ئاقمىسى، مەقەت يىرىلىش، سوڭى چىقىپ قىلىش، مەقەت تۈز ئۈچەي يولى تارىيىپ قىلىش، مەقەت ھۆل تەمرەتكىسى، مەقەت قىچىشىش، چوڭ ئۈچەي گىلاسىمان ئۆسمىسى، مەقەت ياپىلاق ئۇچلۇق ھۆل سۈگىلى، مەقەت يولى ياللۇغى، سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى ئوپراتسىيە قىلىش ۋە دورا ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئىلىپ بارىدۇ.

 

ئىغىز بوشلىقى بۆلۈم

ئىغىز بوشلىقى بۆلۈمى ئىلغار بولغان داۋالاش ئەسلەھەلىرىگە ئىگە، ئەلا بولغان داۋالاش مۇھىتىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ھەرخىل ئىغىز بوشلىقى كىسەللىكلىرى، جۈملىدىن چىش تارتىش، چىش سىلىش، چىش تازلاش، چىش ئاسراش، چىش زاماسكىلاش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى داۋالايدۇ.

 

تىرە كىسەللىكلىرى بۆلۈمى

دوختۇرخانا تىرە كىسەللىكلىرى بۆلۈمى ئۇيغۇر تىبابەتچە داۋالاشنى ئاساس قىلغان تىرە كىسەللىكلىرى دوختۇرلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، دوختۇرلار مول تەجىربىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى، تىرە كىسەللىكلىرى داۋالاشتا قوللىنىلغان ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش دورىلىرى خىل، داۋالاش ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك، كىسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشنى بىرىنجى نىشان قىلىدىغان تىرە كىسەللىكلىرى داۋالاش بۆلۈمى. داۋالايدىغان كىسەللىكلەر قىچىشقاق، ئاق كىسەل (بەرەس)، سۆگەل، كالا تەمرەتكىسى، ئالورگىيەلىك تىرە ياللۇغى، دائۇسسۆلەپ (دائىرلىك چاچ چۈشۈش)، باش تەمرەتكىسى (تاز)، يەلتاشما، گۈللۈك تەمرەتكە، ھۆل تەمرەتكە، بەدەن تەمرەتكىسى، قول پۇت تەمرەتكىسى، دانخورەك قاتارلىق تىرە كىسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ.

تىرە كىسەللەردىن تىپىك مىساللار

 

كېلىنكىلىق تەكشۈرۈش بۆلۈملىرى

دوختۇرخانىمىز كېلىنكىلىق تەكشۈرۈش بۆلۈمى رىنتىگىندە تەكشۈرۈش، لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش، ب تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش، ئىلىكتىروكاردىئاگراممىدا يۈرەك تەكشۈرۈش قاتارلىق مەخسۇسلاشقان تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدىن تەركىپ تاپقان.
رىنتىگىندە تەكشۈرۈشتە ھەرقايسى ئەزالارنى سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش، سۈرەتكە ئىلىپ دىئاگونوز قويۇش، ھەزىم يوللىرىنى سۇنئىي سايىلاندۇرۇش، بۆرەك، ئۆت، سۈيدۈك يولىنى سۇنئىي سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئىشلىنىدۇ.

لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشتە قان تەكشۈرۈش، قەنت مىقدارىنى تەكشۈرۈش، قاندىكى ماينى تەكشۈرۈش، ئىئونلارنى تەكشۈرۈش، بۆرەك، جىگەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈش، ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش ... قاتارلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئىلىپ بىرىلىدۇ.

ب تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈشتە: ئۆت، جىگەر، بۆرەك، بالىياتقۇ، داس بوشلىقى، ئاشقازان ئاستى بىزى، تال، قورساق بوشلىقى، مەزى بىزى، دوۋسۇن، ھامىلە قاتارلىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرلىدۇ.

 

 

 

 

 

Tel:  (0998) 7282896       http://www.UighurTibbi.com

E-Mail:   ehospital@163.com               QQ: 87156773