UKIJ Tuz Tom

بۇ بەت بىرلىككە كەلگەن يۇنىكودلۇق ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقىنى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالدى

Bu bet Unicode UEY we ULY ni teshwiq qilish üchün mexsus yasaldi

 

بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچ ۋە كودى ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز

ئويىڭىزدە ئۇرۇپ كىرگۈزگەن ئۇيغۇرچە ماقالە ھۆججەتلىرىڭىزنى ئىشخانىڭىزغا، ياكى ئىشخانىڭىزدىن ئۆيىڭىزگە، ياكى سىرتتىكى مەلۇم بىر كومپيۇتىرغا ئاپارغان ۋاقتىڭىزدا شۇ كومپيۇتىردا نورمال كۆرۈنمەسلىك خەت شەكلى ئوخشىماسلىق ئەھۋاللىرىغا كۆپ ئۇچرايسىز، بۇ پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ ئاددىي ئەمىلىي بىر مىسال.

يىراقنى كۆزلىگەندە ئۇيغۇر كومپيۇتىر مەدەنىيتىنىڭ راۋاج تىپىشى، مىللىتىمىز كومپيۇتىر كود نۇسخىلىرىنىڭ بىرلىكلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم ئەلسۆيەر ئۇيغۇر كومپىيۇتىر پىروگراممىچىلىرى "ئۇيغۇر كومپيۇتىر ئىلىمى جەمئىيتى" نامىدا ئۇيۇشۇپ يۇقارقى ئەھۋالغا تۈپتىن خاتىمە بىرىپ، ئۇيغۇرچە بىرلىككە كەلگەن يۇنىكود خەت شەكىللىرى ۋە يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياساپ، ھەقسىز تارقاتتى .

ئەمدى بۇنىڭ ئەمىللىشىدە ھەربىر ئۇيغۇر كومپيۇتىر ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزىدە ئەڭ ئاددى بولغان كىچىككىنە بىر، ئۆز يىزىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن، ھەم شەخسىي مەنپەتىڭىزنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ھەربىر ئەقلى جايىدا ئىنسان ئۈچۈن پايدىلىق، ئەلۋەتتە.

ئۇيغۇر كومپيۇتىر يېزىقىنىڭ بىرلىككە كىلىشى ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتىر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋەجىدىن مەزكۇر ئوموملاشتۇرۇش پائالىيتى ئىلىپ بىرىلدى.

__________________________________________________________________

ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قورالى:

ئويغان يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچ3.0نەشىرى Ölchemlik UEY Uyghur Unicode IME 3.0

قوشۇپ قاچىلاش تەۋسىيە قىلىنىدىغان دىتال: "دانىش سىستىما يىڭىلىغۇچىسى" ، بۇ پروگرامما سىستىما خەت نۇسخىلىرىنى ۋە USP10.dllھۆججىتىنى يىڭىلايدىغان بولۇپ، بۇنى قاچىلىسىڭىز، خالىغان ھۆججەت ئىسىملىرى، ئۈستەل يۈزى سىنبەلگە ناملىرى، تىزىملىكلەر ... گە خالىغانچە ئۇيغۇرچە بىمالال يازالايسىز.

 

مەسلىھەتچىلەر بۆلىمىدىن ئا.س.نەۋرۈز 2004.11.26 كۈنى تەييارلىدى.

تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئەليار 2005.7.3 كۈنى تەھرىرلىدى

2006-يىل ماي قايتا تۈزىتىلدى.